تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنا بازارغا سېلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالتە قۇرلۇق پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنىنى بازارغا سېلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ليۇ چاۋيۈ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنىنىڭ چەت ئەلنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتىنىڭ تېخنىكا مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن ئۈمىد بار».

ماشىنا گەۋدىسى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك، پاختا يىغىش بېشى سېرىق رەڭلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش-ئۆلچەش سىستېمىسى سەپلەنگەن... تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنىلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، پات ئارىدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.

ئېقىنتال شەھىرى كەيشياڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فۇ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ بىر تۈركۈم ئۈسكۈنىلەرنى سىناپ باققان، مەشغۇلاتى ئاددىي، پاختىنى پاكىز يىغىش نىسبىتى يۇقىرى، ماي سەرپىياتى تۆۋەن، بۇ قېتىم ئۈچنى زاكاز قىلىشنى پىلانلىدۇق».

تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ لىشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنىنى شىركىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش-ئۆلچەش سىستېمىسى سەپلەنگەن، پاختا يىغىش، پاختا توپلاش، تايلاش، چىقىرىش ۋە خالتىنى تاشلاش ھەرىكىتى كۆرۈنمە ھالەتتە ھەرىكەتچان كۆرسىتىلىدۇ، يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى، مەشغۇلات ئورنى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، ماشىنا ئىگىسى ئۈسكۈنىلەرنى ھەر ۋاقىت كونترول قىلالايدۇ.

«گەرچە شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، نۆۋەتتە تىزىمغا ئېلىنغان پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چەت ئەلنىڭ سۈپەتلىك ماركىسى.» ليۇ چاۋيۈ مۇنداق بىلدۈردى: «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ پاختا يىغىش-تايلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ماشىنىدا تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، بازار مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى بېيىتىلدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ