تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

شۆھرەت زاكىر ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ،

ئاپتونوم رايوننىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەھەللە، يېزا، مەكتەپ، كارخانا، يەككە سودا - سانائەت قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىن كەلگەن 14 ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى ئوچۇق - يورۇق، كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كۆپچىلىك سۆزىدە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، سودا كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى بىلەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش، ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، تېز يەتكۈزۈش كەسپى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەييارلاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. كۆپچىلىك ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇشقا ئەڭ بىۋاسىتە قاتنىشىسىلەر، ئامما بىلەن ئەڭ زىچ ئالاقىلىشىسىلەر، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلالايسىلەر، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلىرىڭلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە يېقىن، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇ، يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ناھايىتى كۈچلۈك ئىلھام بېرىش خاراكتېرىگە ۋە يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىدۇ. بىز ئەستايىدىل رەتلەپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە يۈرۈش قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل. بىز پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ