تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر كەنتتە 95 ئايال شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەردى

ئىلگىرى قازان بېشىنى چۆرگۈلەپ يۈرىدىغان ئاياللار بۈگۈنكى كۈندە رول تۇتىدىغان بولدى

قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر كەنتتە 95 ئايال شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى توغرايار كەنتىدە كەنت ئاھالىسى مۇنەۋۋەر روزىباقى ۋۇلىڭ ماركىلىق كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ئۇستىلىق بىلەن قوزغىتىپ، خېرىدار زاكاز قىلغان تونۇرنى بېسىپ، يىراققا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. «كەنتىمىزدە جەمئىي 565 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بار، ھازىر ھەيدەش كىنىشكىسى ئالغان ۋە شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئايالدىن 95ى بار. ئىلگىرى يۈزىنى ئېچىپ يالاڭباش يۈرەلمەسلىكتىن زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈشكىچە، بۇ يىللاردا ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىياپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى!» دېدى كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئايگۈل مىرابدۇللا.

قاراقاش ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى بۇ يەردە بىر مەھەل زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبەرگەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى كەيپىياتى قويۇق بولغاچقا، ئاياللار بۇنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىغان. «ئىلگىرى توغرايار كەنتىدە دەل مۇشۇنداق بولۇپ، ئاياللار توي قىلىشى بىلەنلا ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۈرلۈك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشى تەلەپ قىلىناتتى، سىرتقا چىقىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىدى.» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئوبۇل يۇنۇس مۇنداق دېدى: «بۇرۇن ئاياللارنى ئۆيىدىن چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئاياللارنىڭ پۇتىنى چۈشەپ قويۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ قەلبىنىمۇ قۇلۇپلىۋەتكەنىدى».

بۇ يىللاردا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەدرىجىي يوقىتىلىشىغا ئەگىشىپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش كەچۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. «ئىلگىرى ئاياللار قازان بېشىنى چۆرگۈلەپ يۈرەتتى، سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيتتى.» نەزەر دائىرىسى ئېچىلغان مۇنەۋۋەر بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلى مەن پۈتۈن كەنتتىكى ئاياللار ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم، بۇنىڭدىن قانچىلىك پەخىرلەنگىنىمنى دېمەيلا قوياي».

«ئۇ چاغدا ئاپتوموبىل ھەيدىيەلەيدىغان ئاياللار بەك ئاز ئىدى، يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى، نۇرغۇن ئەرلەر مېنى قالتىس دەپ ماختىدى.» مۇنەۋۋەر مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىز تونۇر سودىسى قىلىدۇ، ھازىر ھەر كۈنى نۇرغۇن جايغا مال يەتكۈزىمىز، ئەگەر ئاپتوموبىل بولمىسا يىراق جايدىكى كەسىپلەرنىمۇ قىلغىلى بولمايتتى».

كەنت ئاھالىسى بۇزەينەپ ھېسامىدىنمۇ ناھايىتى تېزلا شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەردى، «ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالغاندىن كېيىن تاماق توشۇش ئاپتوموبىلى ھەيدىدىم، يەنە ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنى ئاچتىم، ھازىر ئىككى جايدا ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن. كېلەر يىلى مەن ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلغاچ، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تاكسى ھەيدەيمەن.» بۇزەينەپ ئۇچىسىغا ئوتقاشتەك پىلاش، پۇتىغا ئېگىز قونجىلىق ئۆتۈك كىيىپ ئىنتايىن مودا بولۇپ كەتكەنىدى، گەپ ئارىلىقىدا، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىن ۋىيشىندا پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىق ئەسكەرتمە ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇردى.

بۇ يىل 3-ئايدا كەنتتىكى بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كاسسىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان قەلبىنۇر ئەلىمۇ ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدى. ئۇنىڭ ئاق رەڭلىك پىكاپىغا گىرىم سومكىسى قويۇلغان بولۇپ، قاش قەلىمى، كوۋخۇڭ، يۈز مېيى قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. «ھازىر ئاياللارنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىشى ناھايىتى نورمال ئىش. مۇنەۋۋەر ئۆزى بىلەن بىللە شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەرلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى، ئەمما ماڭا كەلگەندە، بىر گۇرۇپپىدىكى 15 ئۆگەنگۈچىنىڭ ھەممىسى ئايال» دېدى قەلبىنۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.

2016-يىلى توغرا يار كەنتىدىكى ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئاران %20 ئىدى، بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95كە يەتتى. بۇ يىل 8-ئايدا، نامرات نوپۇس ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %49ىنى ئىگىلەيدىغان بۇ كەنت نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى.

«ئاياللار ئۆيدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىدى، بۇ كەنتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى مۇھىم ئامىل.» ئوبۇل ھاياجانلانغان ھالدا: «ئاياللار يېرىم دۇنيا ئەمەسمۇ!» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى