تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتەيلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۇيغۇنلىشىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، ھەجىمى قانچە چوڭ بولغانسېرى، دولقۇن قانچە چوڭ بولغانسېرى، رولچى بولۇپ يول باشلاش شۇنچە مۇھىم. بۇ يىلدىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلار تامامەن توغرا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشتا پىشقان ئىقتىدارغا ئىگە، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۈكسەك ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە، بۇ بىزنىڭ بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشىمىزدىكى تايانچ. ھازىر، ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، خىرىس قانچە كەسكىن بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى ياخشى تىزگىنلەش - تىزگىنلىيەلمەسلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش - ساقلىيالماسلىق نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش - قىلدۇرالماسلىقىغا باغلىق». پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىريۈرۈش پىشقان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە «ئىككىنى قوغداش» تەلىپىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا يۆنىلىشنى ئىگىلىشى، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلىشى، سىياسەتنى بېكىتىشى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا، نېمىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ، نېمىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ ئەڭ قەتئىي قوغداشقا تېگىشلىك مەيدان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى سىياسىي نەزەر بىلەن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئايلىنىپ، دەرس تولۇقلاش، ئېنېرگىيە تولۇقلاش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، نېمە ئىش قىلسا شۇنى ئۆگىنىپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاپ، دەۋر ئېقىمىغا ئاڭلىق يېتىشىۋېلىشى كېرەك. تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېغىر پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

كېلەر يىل دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە ئالاھىدە مۇھىم خاراكتېرگە ئىگە، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىنى باشلايمىز. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولساقلا، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ