تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز تاڭ شەنشەن): 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو پىششىقلاش سودىسى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئالاتاۋ ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توققۇز نۇقتىلىق باغچە رايونى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.
يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جىنشاخې ئۇنچىلىق كەسپى، جېندې توقۇمىچىلىقى، جىنمۇ پەن-تېخنىكىسى، ۋەنجيا داۋالاش قاتارلىق پىششىقلاش سودىسى كارخانىلىرى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، 30 نەچچە خىل مەھسۇلاتنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ كۆرگەزمىگە ئەۋەتتى.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە توردا ۋە تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇش پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئالى بابا، دوۋيىن، چۆشى يىگۇۋ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، توردىكى غايەت زور سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، سودا جەھەتتە ئۇدۇللاشتۇرۇش، سودىدا پۈتۈشۈشكە تۈرتكە بولدى.