تىيانشان تورى خەۋىرى: ئىلى دەريا ۋادىسى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسى ۋە يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكى مۇھىم يول، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى جۇغلانغان جاي. شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ قۇرغاق رايونىدىكى «نەم ئارال» بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، ئوتلىقى كەڭ، بايلىقى مول.













