تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەۋقەنى خاس ئەۋزەللىككە قويۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش

12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
جېن مېي فوتوسى

خىزمەتچى خادىملار يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۈزۈم كەسپى رايونىدا ئۈزۈم ھارىقى خام ماتېرىيالىنى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە. (9-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). نۆۋەتتە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، يەنجى ئويمانلىقى، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقى قاتارلىق شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا، نىيە، كىروران، شياڭدۇ قاتارلىق داڭلىق ئۈزۈم ھارىقى ماركىلىرى يېتىشتۈرۈلدى.
چۆ.خۇرە فوتوسى

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىشچىلار يېڭىسار ناھىيەسىدىكى بىر توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى بازىسىغا تەرەققىي قىلىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

12-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ چاڭچېڭ كومپيۇتېر سىتېمىسى چەكلىك شىركىتىدە «تىيانشان يۈرۈشلۈك DF716 تىپلىق كومپيۇتېر»نى قۇراشتۇرماقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياسىمىچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق يارەم بېرىش ۋە كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، پىششىقلاش بازىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى غەربكە ئېكسپورت قىلىشتىكى توشۇش، توپلاش، پىششىقلاش بازىسىنى بەرپا قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

12-ئاينىڭ 10-كۈنى، سودىگەرلەر سانجى شەھىرى داشىچۇ بازىرى يۈتاڭ كەنتى چىشىن ئۈزۈمنى يېڭى پېتى ساقلاش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ئۈزۈمنى يېڭى پېتى ساقلاشقا توشۇماقتا. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا چىلان، ياڭاق، نەشپۈت، ئۆرۈك، ئۈزۈم، ئالمىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ دەرەخ تۈرىنى ئاساس قىلغان تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئاساسلىق باغۋەنچىلىك رايونى ۋە تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ باغۋەنچىلىك كەسىپ بەلبېغى شەكىللەندى.
خې لۇڭ فوتوسى

12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان كاڭيۇۋمېي ئاشلىق-ياغ (گۇرۇھى) خەيئوۋ ياغ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يېمەكلىك مېيى ئىشلەپچىقارماقتا. ھازىر شىنجاڭدا سۈپەتلىك پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى توپى، ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرى توپى، چارۋىچىلىق پىششىقلاش كارخانىلىرى توپى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى توپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يەكەن ناھىيەسى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا نان ياقماقتا. نۆۋەتتە، نانچىلىق كەسپى باغچە رايونى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ھەممە يەرنى قاپلاپ، ھازىر يېقىپ ھازىر سېتىش، زەنجىرسىمان تور دۇكىنى، توردىكى سودا شەھەرچىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سېتىش يوللىرىنى ئاچتى.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىشچىلار قۇتۇبى ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى تەۋەككۈل قىلىپ قېزىلغان تەكشۈرۈش قۇدۇقى — خۇتەن 1-قۇدۇقى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم نېفىت، خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈردى.
جوۋ جيەنلىڭ فوتوسى

ئاراتۈرۈك ناھىيەسى جياڭنا يېڭى ماتېرىيالى تۆۋەن تەرتىپلىك كۆمۈرنى دەرىجىگە ئايرىپ، سۈپەتكە ئايرىپ ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن تۈر قۇرۇلۇش نەق مەيدانى (12-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قېزىش شارائىتى ياخشى، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى يەتتە چوڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

تولى ناھىيەسى شامال ئېغىزى رايونىدىكى شامال كۈچى ئارقىلىق توك تارقىتىش قۇرۇلمىسى (11-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان). ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە توك مەنبەسى ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سۇ كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش، يېقىلغۇ گاز ئارقىلىق توك چىقىرىش، فوتوۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش قاتارلىقلار تېز تەرەققىي قىلماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

  ياۋ تۇڭ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنىدىن تارقالغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «14-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، باغ-ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نان، ئۈزۈم ھارىقى، ساياھەت قاتارلىق «ئون چوڭ كەسىپ»نى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى