تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

گۈزەل يېزا كەنت بەختلىك تۇرمۇشنى «يورۇتتى»—— ماناس ناھىيەسىنىڭ «13-بەش يىل»لىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى توغرىسىدا زىيارەت

  «ھازىر كەنتتە يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاجەتخانا ناھايىتى پاكىز بولۇپلا قالماي، يەنە مۇھىتنى گۈزەللەشتۈردى، تۇرمۇشقىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى». كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ماناس ناھىيەسى لەنجوۋەن بازىرى باجياخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى جوۋ جۈنۋېننىڭ بۇنىڭغا تەسىراتى چوڭقۇر ئىدى.

  كىچىك ھاجەتخانا، چوڭ خەلق تۇرمۇشى. بۇ يىل لەنجوۋەن بازىرى ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، ئامما قاتنىشىشنى چىڭ تۇتۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مالىيە مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىپ، يېزىلاردا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئون كەنتتىكى 400 ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  باجياخۇ كەنتى ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بىلەن قوشنا، ساياھەت بايلىقى مول، مەدەنىيەت مەزمۇنى چوڭقۇر، ئۆرپ-ئادىتى ئاددىي-ساددا، بۇلتۇر، بۇ كەنت يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە يېزا كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» ۋە «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا كەنتى» بولۇپ باھالاندى. بۇ نەتىجىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، باجياخۇ كەنتى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بىلەن يېزا كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەنتلەرنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى تۈزەش، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  «بۇ ئىككى يىلدا كەنتىمىز يورۇتۇش، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يۇرت-ماكاننى پاكىزلاش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر كەنتنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، دېھقانلار ئارامگاھىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى» دېدى ماناس ناھىيەسى لەنجوۋەن بازىرى باجياخۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈ جىنبېي.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈزەل يېزا كەنت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ماناس ناھىيەسى «مىڭلىغان كەنت ئۈلگە تىكلەش، تۈمەنلىگەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەنت قىياپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. 2019-يىلى، ماناس ناھىيەسى «مەملىكەت بويىچە كەنت-مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدىكى ئىلغار ناھىيە» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ھەم «مەملىكەت بويىچە يېزا كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە» قىلىپ بېكىتىلدى. گۈزەل يېزا-كەنتلەر تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يېتىلدۈردى.

  «بىزنىڭ يېڭى ئۆيىمىزگە ھۆكۈمەت تولۇقلىما بەردى، سۇ، توك، پار، تورنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممە ئائىلىدە كىچىك ئاپتوموبىل بار.» سۇساتقان يېزىسى مىنما ئېكولوگىيە كەنتىگە كىرگەندە، رەتلىك، چىرايلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئاسفالت يوللار ئازادە، تۈپتۈز ئىدى. چارۋىچى سېرىك خالىغازى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئۆينىڭ ئالدى-كەينىنى پاكىز تازىلاپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونىنى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئائىلىمىز 40 تۆگە ۋە 30 كالا باقتۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە ئائىلىمىز بېيىش يولىغا مېڭىپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».

  بۇ يىل ماناس ناھىيەسى سۇساتقان يېزىسى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، گۈزەل يېزا-كەنت، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، پاسكىنا سۇنى تۈزەش قاتارلىق ئالتە چوڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، مىنما ئېكولوگىيە كەنتى «مەملىكەت بويىچە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى ئۈلگىلىك كەنت»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. مۇھىت ياخشىلاندى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، چارۋىچىلار بەس-بەستە چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى. «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، چارۋىچىلىق كەسپى، سورت ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى ماناس ناھىيەسى سۇساتقان يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ شىنشىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى