تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەرز مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتى شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى باغ-ئورمانچىلىق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن جىدۇڭ، چياۋ چى): «بىز ئىككى قېتىمدا ئالغان جەمئىي 16 مىليون 900 مىڭ يۈەنلىك قەرز پۇلنىڭ مۇددىتى ئەسلىدە بۇ يىل 7-ئايدا توشاتتى، ئەينى چاغدا مەبلىغىمىز قىس بولۇپ، ناھايىتى تىت-تىت بولغانىدۇق، ھېلىمۇ ياخشى كورلا يېزا سودا بانكىسى بىزگە مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلدى» دېدى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى سەنفېڭ ئىسكىلاتتا ساقلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خۇاڭ فېڭمىڭ، بۇ يىل كورلا نەشپۈتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھازىر، بۇ شىركەت 10 مىڭ توننىلىق ئىسكىلاتنىڭ ھەممىسىنى ئىجارىگە بەرگەن بولۇپ، پۈتۈن يىللىق كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ مۇھىم خاس باغ-ئورمانچىلىق كەسپى بازىسى بولۇپ، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى، يەنجى ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئەمما يۇقۇم شۇ جايدىكى باغ-ئورمانچىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى تەسىرگە ئۇچراتتى، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ ئوبوروتى قىيىن بولۇپ، سىياسەت ئارقىلىق قوللاشقا مۇھتاج بولدى.

   قەرز مۇددىتىنى ئۇزارتىپ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش سىياسىتى جۇڭگو خەلق بانكىسى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويغان ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئۇدۇل يەتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى قورالى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغنىڭ قەرەلى توشقاندا قەرز قايتۇرۇش بېسىمىنى دەل جايىدا يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ سىجىل تەرەققىيات كۈچى توپلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ بانكا جۇڭگو خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، كۆزىتىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ۋە مەسىلىلەرنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت تۈرلۈك مېخانىزم»نى ئورنىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ جايدىكى بانكىلارنى دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن يېتەكلىگەن. 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ باغ-ئورمانچىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئۈچۈن جەمئىي 575 كارخانىنىڭ 343 مىليون يۈەن پۇلىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ دىرىنى قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بېجىرىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمى ھەقىقىي يېنىكلىتىلگەن.

   ۋاڭ خەيشيانىڭ قۇرۇق مېۋە دۇكىنى كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. «بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ ئەندىشەم قەرز قايتۇرۇش ئىدى، ھېلىمۇ ياخشى مۇددەتنى ئۇزارتىپ بەردى» دېدى ۋاڭ خەيشيا، بۇلتۇر 11-ئايدا ئۇ كورلا بانكىسىدىن 400 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، مال كىرگۈزۈشكە ئىشلەتكەنىدى، قەرز مۇددىتى توشۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن، كورلا بانكىسى ئۇنىڭغا مۇددەتتىن بۇرۇن مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تىجارەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

   يەنجى ناھىيەسى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىدە نۇرغۇن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار بار، شىنجاڭ جۇڭفېي ھاراق ئېچىتىش پاي چەكلىك شىركىتى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. جۇڭفېي ھاراق قورۇقىنىڭ 10 مىڭ مو ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى، 8000 كىۋادرات مېتىر ھاراق گەمىسى بار، 126 ئىشچى-خىزمەتچىسى بار. يۇقۇم سەۋەبىدىن بۇ كارخانىغا بىر قەدەر زور مەبلەغ بېسىمى پەيدا قىلغانىدى، ئەڭ مۇھىمى شىركەتنىڭ 9 مىليون 800 مىڭ يۈەن قەرزىنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا ۋاقتى توشاتتى، قەرز قايتۇرۇش بېسىمى ئېغىر ئىدى.

   جۇڭگو خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەنجى ناھىيەلىك يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش سىياسىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ جۇڭفېي ھاراق ئېچىتىش پاي چەكلىك شىركىتىگە تېز سۈرئەتتە مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېرىپ، كارخانىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ