تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتەيلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا كېلەر يىلى تۇنجى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى كەيپىيات ھاسىل قىلىش كېرەك.» مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش.» «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش − ھەم دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتتىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر تونۇش، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئوبيېكتىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئاڭلىق ئىگىلەش بولۇپ، «14 - بەش يىل» ۋە كەلگۈسى تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، يولىغا قارىتا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە قارىتا مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن ياخشى تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك: بىرىنچى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىكىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئېغىر، زور قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى تاۋلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىپ، كەسىپتىكى ئەۋزەل ساھەلەردە تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ خاس ئالاھىدە ماھارەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال، ئامانەت پۇل، مەبلەغ سېلىشقا مۇۋاپىق يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، ئۇرۇقلۇق ۋە تېرىلغۇ يەر مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشنى ۋە كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، رەقەملىك قائىدىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يەتتىنچى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 2030 - يىلىدىن ئىلگىرى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشىنى قوللاش كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، بىز چوقۇم باشلىنىش يىلىدا يېڭى كەيپىيات يارىتالايمىز.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش بولۇپ، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىملەش، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق نۇقتىلاردا كۈچەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىرىنى تۇتۇش ئارقىلىق ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئىزچىل ئەمەل قىلىشى، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بىز داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە تېخىمۇ پۇختا قەدەم تاشلىيالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى