تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلايلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كېلەر يىلى دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە مۇھىملىققا ئىگە بىر يىل بولۇپ، «14 - بەش يىل»نى باشلاش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىش، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

«14 - بەش يىل» دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغان، يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرىدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان باسقۇچ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ، بۇ ھەم بىر قاتار يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھەم بىر قاتار يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. پەقەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇرسەت ئېڭى، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزگەندىلا، ئاندىن ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلىغىلى بولىدۇ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «14 - بەش يىل»دىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش كېرەك، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، تەرەققىيات مۇھىتى، تەرەققىيات شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈم. بۇ قېتىمقى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قىممەتلىك ۋاقىت كۆزنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش كېرەك. كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئايلىنىشىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش بىزدىن كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا كۆرسىتىلگەندەك، كېلەر يىللىق ماكرولۇق سىياسەتتە ئىزچىللىق، مۇقىملىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقنى ساقلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى زۆرۈر قوللاش سالمىقىنى ساقلاپ، سىياسەت مەشغۇلاتىدا تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇپ، جىددىي بۇرۇلۇش قىلماي، سىياسەتتە ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، مۇۋاپىق چىقىم سىجىللىقىنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنىڭ مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتى جانلىق، دەل جايىدا، مۇۋاپىق، لايىق بولۇش، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ۋە جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش نامدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىشىشىنى ساقلاپ، ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، كۆپ يول ئارقىلىق بانكا كاپىتالىنى تولۇقلاپ، زايوم بازىرى قانۇن - تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېشىل تەرەققىياتنى پۇل مۇئامىلە بىلەن قوللاشنى زورايتىش، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. بىز ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ رىتىمى ۋە سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ماكرولۇق سىياسەتلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئەڭ ئەۋزەل سىياسەتلەر بىرىكمىسى ۋە ئەڭ زور ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

«13 - بەش يىل» پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، «14 - بەش يىل»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ