تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلايلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا دۆلەت ئىچى، خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارادىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە جەزمەن سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈش كېرەككى، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس. كېلەر يىلى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن بولىدۇ، قايتا جانلىنىش مۇقىمسىز، تەڭپۇڭسىز بولىدۇ، يۇقۇم زەربىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك ھاسىلىي خەۋپ - خەتەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىك، يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئىشەنچنى شۇنچە كۈچەيتىش، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىك يەنىلا بىز تەرەپتە، بىز بارلىق قىيىنچىلىقلارنى بېسىپ چۈشىدىغان، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. گەرچە خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق، ئېلاستىكلىقى زور، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك، ئەسلىگە كېلىش بوشلۇقى كەڭ، سىياسەت قورالى كۆپ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىگە بولغان كۆپ تەرەپلىك ئەۋزەللىك ۋە شارائىت ئۆزگەرمىدى. دۆلىتىمىز 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىدىكىلەر 400 مىليوندىن ئاشىدۇ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە چوڭ بازار بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ زور سانائەت سىستېمىسىغا ئىگە، قۇدرەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مۇكەممەل يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، سېلىنما ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچلۈك غەيرىتىمىز، قەتئىي ئىرادىمىز، مۇستەھكەم دۆلەت كۈچىمىز بار، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، سىناقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە تولۇق ئاساسىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئەقىل - پاراسىتىمىز بار. ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، تەدبىر بەلگىلىگەندە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ قوماندانلىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلغاندىلا، چوقۇم زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا چوڭ پۇرسەت ياراتقىلى بولىدۇ، باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ.

مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ئالدىدا، ئاچقۇچ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن كۆرۈش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىستىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق نۇقتىلاردا كۈچەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن ئەزەلدىن باش ئەگمەي، بەلكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە قەيسەر بولۇپ، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە جاسارەتلىك بولغان. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يول باشلاپ، رولچى بولسىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى بولسىلا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلسىلا، بىز چوقۇم بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىيالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى