تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كەسكىن خىرىس ئالدىدا، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

− مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خىرىس قانچە مۇرەككەپ، كەسكىن بولغانسېرى، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبىلەرنى شۇنچە يەكۈنلەپ، تونۇشنى شۇنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىشتە شۇنچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئەمەلىيىتىدە، بىز كەسكىن خىرىس ئالدىدا، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق». مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بىزنىڭ بىر يىلدىن بۇيان تەستە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ كەسكىن خىرىس ئالدىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنىڭ بەش جەھەتتىكى قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى كېسىشىپ، خەلقئارا ئەندىزىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا ئۇچرىدى، بىر قىسىم دۆلەتلەردە يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئالدى، بىز بىر تېخىمۇ مۇقىمسىز، ئېنىقسىز دۇنيادا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەۋاتىمىز. دۆلەت ئىچى تەرەققىيات مۇھىتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى ياخشىلانماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر بار. كەسكىن خىرىس ۋە ئېغىر، زور قىيىنچىلىق ئالدىدا، بىزنىڭ خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرالىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەمەلىيەت داۋامىدا كەسكىن خىرىس ئالدىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرالىغانلىقىمىزدا.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى بۇ قانۇنىيەتلىك تونۇشلارنى يۈكسەك يىغىنچاقلىدى، بۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى خەتەرلىك، قىيىن پەيتتە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تايانچى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش توغرا تاللاشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجادىي تاقابىل تۇرۇش كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تىرىكى. بۇ «بەش تۈپ» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنى باشلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇشتىكى پىشقان ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، ئۇ بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى مۇھىم تونۇش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە.

كەسكىن خىرىس ئالدىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر «بەش تۈپ»تە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى قايتا ئىسپاتلىدىكى، مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، مۇھىم، زور سىناق ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە. خەلقنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغاندىلا، چوقۇم توغرا تەدبىر بەلگىلەپ، ئەڭ ئەۋزەل يولنى بېكىتىپ ھەم خەلققە تايىنىپ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇنى يەڭگىلى بولىدۇ. «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ئېنېرگىيەنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، تەدبىر بەلگىلىگەندە ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ قوماندانلىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلغاندىلا، چوقۇم زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا چوڭ پۇرسەت ياراتقىلى بولىدۇ، باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ. ئىلىم - پەن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولغاندىلا، چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئاساس ئۈستىگە قۇرغىلى بولىدۇ.

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە ۋەزىپە مۈشكۈل، ئېغىر. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان ئىشەنچ بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى