تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى «يەر كىملىكى» ئالدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ مىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ بونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە شىنجاڭدا 1 مىليون 806 مىڭ 100 دېھقان ئائىلىسى «يەر كىملىكى» − يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى ئالغان بولۇپ، يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش نىسبىتى %94.07كە يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2013 - يىلى دۆلەت يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلاپ، شىنجاڭدىكى 35 مىليون 620 مىڭ مو يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش كۆلىمى (2009 - يىلى ئەسلىدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بېكىتكەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كوللېكتىپ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى)نى چۈشۈرگەن.

2015 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ دۆلەت چۈشۈرگەن يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، 1 مىليون 806 مىڭ 100 دېھقان ئائىلىسى «يەر كىملىكى» ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ھۆددە يەر ئۇچۇرىنىڭ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددە يېرىنى باشقۇرۇشتا ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش ۋە مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ھەل قىلىپ، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىۋاسىتە سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىندا، لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى خادادۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇسا نەزەر يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسىنى ئالدى. مۇسا نەزەر تېلېفون ئارقىلىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئائىلىمىزنىڭ 28 مو يېرىنىڭ <كىملىكى> بار بولدى، مەن يەرنى خاتىرجەم ھالدا كارخانىغا ئوبوروت قىلىشقا بەرسەم بولىدۇ، ئاندىن سىرتقا چىقىپ بىر كىشىلىك ئىش قىلىپ، قوش كىرىم قىلالايمەن».

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى سىياسەت ۋە ئىسلاھات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ شياۋ مۇنداق دېدى: دېھقانلار يەر ھوقۇقىنى بېكىتىشتىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكۈچىلەر بولۇپ، «ئەمەلىي ھوقۇقنى بېكىتىش، پولاتتەك كىنىشكا تارقىتىش» ئارقىلىق، دېھقانلارنى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى خاتىرجەم ئوبوروت قىلىپ ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؛ يەنە يەردىن، مەبلەغدىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇپ، بايلىقنى مۈلۈككە، مەبلەغنى پايغا، دېھقانلارنى پايچىكقا ئايلاندۇرۇپ، «تۆۋەن كاپالەت + پايدا تەقسىملەش»تەك مەبلەغ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى