تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆي ئىچى پاكىز، ئىللىق بولدى  ئۆي سىرتىدا ئاسمان كۆپكۆك تۈسكە كىردى

جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1-قارارلىق) قۇرۇلۇشى 604 مىڭ 800 ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى

ئۆي ئىچى پاكىز، ئىللىق بولدى    ئۆي سىرتىدا ئاسمان كۆپكۆك تۈسكە كىردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سىن يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 604 مىڭ 800 ئائىلىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تاماملانغان، ئۈچ يىللىق ئۆزگەرتىش ئومۇمىي ۋەزىپىسىنىڭ %67.8ى تاماملانغان. كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشكە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى 2019 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا جەمئىي تەخمىنەن 926 مىڭ ئائىلە(بىڭتۇەندىكى 34 مىڭ ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

2019 - يىللىق ۋەزىپىنى تاماملاش ئاساسىدا، بۇ يىل، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، 2020 - يىللىق جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمەت نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ تاماملىدى، 288 مىڭ 700 دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئائىلىگە كىرگۈزۈش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، 1074 تۈرلۈك 110 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن يېزا ئېلېكتىر تورى تۈرىنىڭ ھەممىسى پۈتتى، بەش تۈرلۈك 220 كىلوۋولتلۇق يانداش ئېلېكتىر تورى تۈرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، پۈتۈن يىلدا 4 مىليارد 132 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، زور بىر تۈركۈم دېھقان ئائىلىلىرى «ئوتۇن كېسىپ ئىسسىنىش، كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش»تەك ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، يېقىلغۇ توپلايدىغان ئادەم كۈچى تەننەرخىنى ئازايتىپ، كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىشتىكى ئوت ئاپىتى، كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىدىن ساقلاندى. كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى يەنە يېزىلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سېخى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشەنچلىك توك بىلەن تەمىنلىدى، توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتلىرىنىڭ ماكانلىشىشى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تارقاق كۆمۈرنىڭ كۆيۈش كۆلىمى تۆۋەنلىتىلىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئازايتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغدالدى. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %45.5كە يېتىپ، %8.6 ئاشقان، ئۇششاق دانچىلەرنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى %34.67 تۆۋەنلىگەن.

كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى يەنە «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتتى. قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رايون ئىچىدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە توك تەقسىملەش سىغىمچانلىقى ئۈچ كىلوۋولت ئامپېردىن كۆپرەككە يېتىپ، دۆلەت نىشان قىممىتى ئىككى كىلوۋولت ئامپېردىن %50 يۇقىرى بولۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 4 مىليارد 663 مىليون كىلوۋات سائەتكە، 2019 - يىلى 5 مىليارد 774 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، توك مىقدارى 1 مىليارد 111 مىليون كىلوۋات سائەت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.83 ئاشقان.

كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى. مارالبېشى − يەكەن، يەكەن − خوتەن، قەشقەر − يەكەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىر تورى تېرمىنالىدا تۇرۇۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش جىددىي ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل 3 - پەسىلگە قەدەر، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ شامال، يورۇقلۇقتىن توك چىقىرىش پايدىلىنىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %90.1، %92.3، %89.9 بولۇپ، ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى 2018 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 9، 16.4، 14.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

يېقىندىلا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش(1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە باشقا شارائىتى بار ناھىيە، شەھەرلەرگىچە كېڭەيتىش ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشنى نۆۋەتتە نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلىدىغان 30 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنىڭ بىرى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى