تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىستېمالنىڭ دەرىجىسى ئۆستى  ھاياتىي كۈچ تولۇپ تاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى لۇساۋگوۋ يېزىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئەييوۋۋېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ چىراغلىرى يورۇق بولۇپ، ھەممەيلەن ئالدىراش ئىدى. «<قوش 11> مەزگىلىدە شىركىتىمىزنىڭ سېتىش سوممىسى 4 مىليون يۈەن بولدى، <قوش 12>نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز مال زاپىسىنى يېتەرلىك قىلدى، ئېتىبارلىق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتتى، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى شىركەت باش دىرېكتور ياردەمچىسى جېن شىياڭ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى سىجىل ئېشىپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىشىپ، ئىستېمالنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى قوزغاتقۇچ كۈچكە ئايلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق قوزغىتىلدى

12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، گەرچە قوش دەم ئېلىش كۈنى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) شەنشەن ئوتلېتىس مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ جەلپكار شەھەر جۇغراپىيەلىك بەلگىسىگە ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئوخشاش تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىمۇ چوڭ تىپتىكى مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىستېمالىدىكى ياخشى جايغا ئايلاندى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال كۆلىمىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 305 مىليارد 520 مىليون يۈەن بولغان؛ 2019 - يىلى، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 361 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016 - يىلىدىكىدىن 56 مىليارد 180 مىليون يۈەن ئاشقان.

بۇ يىل، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، سودا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاتارلىق بىر قاتار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، يېمەك - ئىچمەك، سودا ساراي قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بەردى، ھەرقايسى جايلار ئارقا - ئارقىدىن ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېمالنى تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «100 كۈندە 1000 كارخانا شىنجاڭغا مەركەزلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ئىستېمال پەسلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، تەييار ماي، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە جانلىنىشىغا كۈچ قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ليۇ بىن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق قوزغىتىلماقتا.

ئىستېمال قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى دۇڭ سىيۈ ئاق ياقىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ جىفۇباۋ ھېسابات تالونىدىن سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى، زىننەت بۇيۇملىرى، كىتاب - گېزىت تۈرىدىكى ئىستېمالنىڭ ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇمى تۈرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمالىدا مىقدار جەھەتتە قانائەتلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىش، شەكىللىك ماددىي مەھسۇلاتتىن تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئىستېمالىغا يۈزلىنىش قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر نامايان بولغان. ئىستېمال تەمىنات تەرەپلىك بازار سۇبيېكتلىرى ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش چوڭ يۈزلىنىشىگە پائال ئۇيغۇنلاشقان ۋە ئۇنى ئىگىلىگەن، تەمىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ئېھتىياجى كەڭ كۆلەمدە جانلانغان، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ئىستېمال، مۇلازىمەت ئىستېمالى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى قاتارلىق ئىستېمال ئەندىزىلىرىمۇ ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەھەر، يېزىلىرىنىڭ ئىستېمال بازارلىرىدا يەنە ماس قەدەملىك، يۇغۇرما تەرەققىيات يۈزلىنىشى نامايان بولدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، سىياسەتنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى بازارلاردا چەكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 95 مىليارد 565 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى بازارلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قايتا ئەسلىگە كەلگەن، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەھەر - بازارلارنىڭكىدىن تېز بولغان.

ليۇ بىن مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇم ئىستېمالچىلارنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىستېمال ئادىتىنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھېس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە خاسلىققا ئىنتىلىش يەنىلا ئۆزگەرمەيدىغان باش تېما. ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىش ۋە تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىستېمالچىلارنىڭ سۈپەت، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلاردىكى بەھرىلىنىش قوشۇمچە قىممىتىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، خاسلاشقان مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىخەتەر، ساغلام، چۆكتۈرۈش شەكلىدىكى مال سېتىۋېلىش تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يېڭى ئەندىزە، يېڭى قىزىق نۇقتىلار بارلىققا كەلدى

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، توردا مال سېتىۋېلىش تېز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىچە ئىستېمال ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئۇچراشماي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، ئادەمسىز پارچە سېتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ پارچە سېتىش قاتارلىق ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى شەكلى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىستېمال بازىرىدا يېڭى ئەندىزە، يېڭى قىزىق نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. بۇلتۇر، شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ توردا سېتىش سوممىسى 37 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ھەرقايسى ئەمەلىي دۇكان ئىگىلىرى توردا سېتىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، تور سودا شەھەرچىسى، ۋىيشىن توپى، كىچىك ئەپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىستېمال ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئەنئەنىۋى پارچە سېتىش كەسپىنىڭ تور ۋە تور سىرتىدىكى يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

دېخۇي گۇرۇھىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن لىدىرى، شىنجاڭ دېخۇي ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ئەمەلىي سودىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلغان كۆپ مەنبەلىك ئاقىل سودا سورۇنى بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى، كىچىك ئەپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلارنى توردا تاللاپ مال سېتىۋېلىش، تېز يوللانمىنى ئۆيىگىچە يەتكۈزۈش، «بۇلۇت مال سېتىۋېلىش»نى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بولۇپمۇ ئالاقە تورىنى ئاساس قىلغان يىراقتىن داۋالاش، تور مائارىپى، بۇلۇت بەدەن چېنىقتۇرۇش، تور كىنو - تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر زامان - ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت ياراتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭ جۇڭگۇڭ مائارىپى خېرىدارلار بايلىقى ۋە سۈپەتلىك ماركا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، توردا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. بۇ ئاپپاراتنىڭ مەسئۇلى شياۋ شېڭتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توردا كۆلەملەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە توردا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ يىل توردا تەربىيەلىنىدىغان ئادەم سانى ۋە كىرىمنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىنى مۆلچەرلىدۇق.

«ئالاقە تورى +»نىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، يېمەك - ئىچمەكنى ۋەيمەي قىلىش ئالقىشقا ئېرىشتى، «مېيتۇەن» «ئېلېمې» قاتارلىق سۇپا تىجارەت سودىگەرلىرى باھانى چۈشۈرۈش، پەرقلىق باھا بېكىتىش قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىستېمالچىنى جەلپ قىلدى.

2017 - يىلى قۇرۇلغان كۇچا شەھىرى ۋېيۋېي تېز يەتكۈزۈش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سودىسى تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار، ۋەيمەي قاتارلىق توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىشنى قاپلىدى. يېڭى كەسىپ ھالىتى ئېلىپ كەلگەن پايدا ئارقىلىق، بۇ سۇپا كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. «ھازىر ئايلىق سېتىش سوممىمىز 3 مىليون يۈەنگە يەتتى، بىز مەۋقەنى شۇ جايدىكى چوڭ، ئوتتۇرا ئولتۇراق رايونلارغا قويۇپ، 40 نەچچە ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا تەييارلىنىۋاتىمىز» دېدى بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى بىڭ چىجىن تونۇشتۇرۇپ.

ليۇ بىن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، تور سودىسىنىڭ ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك توردا ۋە تور سىرتىدا مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قوزغىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ توردا سېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى