تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى «پەسىل قۇشلىرى»دەك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، جوۋ پېڭ، جاۋ چاڭفۇ خەۋەر قىلىدۇ: ئەتىياز، ياز، كۈز پەسلىدە يېزىدا، قىش پەسلىدە ناھىيە بازىرىدا تۇرۇپ، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى «پەسىل قۇشلىرى»دەك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، بەختنىڭ مەخپىي شىفىرى «كۆچۈش»كە يوشۇرۇنغانىدى.

داشى كەنتىدە زىيارەتتە بولۇش ناھايىتى «باش قاتىدىغان» ئىش. «قىش پەسلى يېتىپ كەلدى، كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى ناھىيە بازىرىدا تۇرىدۇ، زىيارەت قىلماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ئالدىن ئالاقىلىشىشىڭىز كېرەك» دېدى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ يۆخۇا كۈلۈپ تۇرۇپ.

پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پاراۋۇزغا باغلىق. داشى كەنتىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى ماگنىتتەك ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق بېيىغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولغان.

«كەنت تېز تەرەققىي قىلدى، مەنمۇ تېز تەرەققىي قىلدىم» دېدى كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم مۇسا يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ. بۇ يىل، ئۇ 1 مىليون يۈەن مەبلەغ غەملەپ ئىككى نىمكەش كومبايىن سېتىۋالدى. ئىككى كومبايىنغا كېۋەز تېرىغان ۋە مېۋىلىك باغدىن قىلغان كىرىمىنى قوشقاندا، بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 600 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

«كەنتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەن كېلەر يىلىلا بانكا قەرز پۇلىنى تولۇق قايتۇرالايمەن» دېدى ئابلىكىم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بۇ يىل 3 - ئايدا داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قارىمىقىدا باقمىچىلىق تەرەققىيات شۆبە كوپىراتىپى، تېرىقچىلىق شۆبە كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى شۆبە كوپىراتىپى، قىزىل ساياھەت شۆبە كوپىراتىپى تەسىس قىلىنىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى يەنىمۇ زورايتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى.

«يەرنى ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، كەنت ئاھالىلىرىنى 2 -، 3 - كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىدۇق، بۇ يىل پۈتۈن كەنت بويىچە كىشى بېشى كىرىمى 35 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى.» فۇ يۆخۇا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كەنت يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە بىرتۇتاش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى».

«داچىدىن 48ى، لىفىتلىك بىنادىن ئۈچى بار، سۇ، توك، گاز، تېلېۋىزور، تورنىڭ ھەممىسى تولۇق، ئاسفالت يول ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممە ئائىلىدە پىكاپ بار.» كەنتتىكى يېقىنقى يىللاردىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، 74 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەيسا ھوشۇر ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

«پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، كەنتنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ياخشى.» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى شۆبە كوپىراتىپىغا ئەزا بولغان لى يۇڭچيەننىڭ ئائىلىسىدە چوڭ تىپتىكى تۆت پاختا يىغىش ماشىنىسى بار، بۇ يىل ئۇ 10 مىڭ مو يەردىكى پاختىنى يىغىپ، 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

«كەنتتە كېۋەز تېرىشتىن پاختا يىغىشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشتى، ئىلگىرىكى يىللاردا پاختا ئادەم كۈچىگە تايىنىپ يىغىۋېلىنغاچقا، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پۈتۈنلەي تاماملاندى. قىش كەلگەندە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى پىكاپىمىزنى ھەيدەپ، شەھەردىكى ئۆيدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، مۇھىت ئالماشتۇرىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى چېن داۋرېن خۇشال كۈلۈمسىرەپ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. فۇ يۆخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، داشى كەنتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئومۇميۈزلۈك ئاتلاندى، كېلەر يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 36 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، كېلەر يىلى دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇنى 100گە يەتكۈزىمىز، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 3 مىليون يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ