تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۆچۈرۈلگەن چارۋىچىلار كۈندە پۇل تاپالايدىغان بولدى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جېڭىس يېزىسى ئاقتېكېچ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئېلقات تىلېۋبېردى موتوسىكلىتىغا سۈتنى ئېلىپ ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جېڭىس يېزىسى ئاقتېكېچ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئېلقات تىلېۋبېردى ۋە خوتۇنى يەم-خەشەك توشۇماقتا.

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جېڭىس يېزىسى ئاقتېكېچ كەنتىدە، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ليۇ خەييىڭ (سولدا) ئېلقات تىلېۋبېردى بىلەن مۇڭداشماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى): «ھەر كۈنى پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىمەن، ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشقا پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىدىم.» ھەر قېتىم بەزىلەر ئېلقات تىلېۋبېردىدىن ھازىرقى كۈنلىرىنىڭ شۇنچە ياخشى تۇرۇپمۇ، نېمىشقا ئاپتوموبىل سېتىۋالمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئېلقات ھەمىشە شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ.

  2012-يىلى، چاغانتوقاي ناھىيەسى 45 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئاقتېكېچ ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، چارۋىچىلار «ئالدى ھويلا، كەينى قوتان»لىق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. ئېلقات چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جېڭىس يېزىسى ئاقتېكېچ كەنتىدىن بولۇپ، 2012-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ باشقا چارۋىچىلار بىلەن بىللە تاغلىق رايوندىن ھۆكۈمەت يېڭىدىن قۇرغان 144 ئائىلىلىكنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈپ كەلدى.

  2015-يىلى، جېڭىس يېزىسى دېھقان-چارۋىچىلارنى ھويلا-ئاران باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، ئېلقات تىلېۋبېردى نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنىڭ يۆلىشى ۋە چارۋا باقمىچىلىقى بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىسىگە ئايلاندى.

  «تاغدىكى چاغدا، ئائىلەمنىڭ ئاران بەش سېغىن كالىسى بار ئىدى، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، سۈتنى ساتالمايتتىم. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، بىز يېپيېڭى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، كالا، قويلار تۇرىدىغان قوتان بار بولدى. ھازىر ئائىلىمىزنىڭ 25 سېغىن كالىسى بار، كالا سۈتىنى سېتىشتىن غەم قىلمايمىز، كۈندە پۇل تاپالايمىز، يىلدا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمىز، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئېلقات تىلېۋبېردى خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى