تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ يېڭىسار ناھىيەسى: تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش

شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىرى گېڭ دەندەن): قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نامرات، نوپۇسى كۆپ ئىدى، نامراتلىشىش سەۋەبى مۇرەككەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولدى... بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە كەنت ئاھالىلىرى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىققا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ماھارەت ئۆگىنىپ، كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

خاس تېرىقچىلىق ئاساسنى مۇقىملىدى

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 450 مىڭ مو بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇ ناھىيە كۆكتات، ئۆرۈك قاتارلىق خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

كەسىپنى يار-يۆلەك قىلىپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيەسى سەمەت ئۆرۈكىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «ئۇۋا ياساپ سۇمرۇغنى جەلپ قىلىپ»، نۇرغۇن ئۆرۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى جەلپ قىلدى، شىنجاڭ يوۋلېگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بۇ شىركەت مېۋە-كۆكتاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە سېتىۋېلىش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا. «بىز قۇرۇتۇش، توڭلىتىپ قۇرۇتۇش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق سەمەت ئۆرۈكىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شاڭخەي قاتارلىق نۇرغۇن جايلارنىڭ بازىرىنى ئاچتۇق.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈشى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، كارخانىنىڭ يىللىق پىششىقلاش مىقدارى 16 مىڭ توننا بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ دېھقان تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشتىن نەپ ئالغۇچى ئىدى. 2018-يىلى، ئۇ يېمەك-ئىچمەك تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىدىكى بىر كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىدا خېمىر يۇغۇرۇش ئۇستىسى بولۇپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ يېڭى ئويى بار بولدى. «مەن تىجارەت تەجرىبىلىرىدىن يەنە ئازراق توپلاپ، ئازراق پۇل تېپىپ، ئۆزۈم لاۋبەن بولماقچى» دېدى.

«بىركەنتتە بىر سىياسەت» كىرىمنى ئاشۇردى. چولپان يېزىسى يۇقارقى ئۆستەڭ كەنتى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، «كەسىپلەرنى خاسلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈش + ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى چىقىرىش + ئىگىلىك تىكلەش ئەۋزەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش» پىكىر يولى بويىچە، تەرەققىيات ماھارىتى يېتەرلىك بولماسلىق، مەبلەغ كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ ئىگىلىك تىكلەش كاپىتالى ۋە ئىقتىدارى بار كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتا ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەربىيەلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ كەنت بارلىق خادىملارنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە ئىش ئورنى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن «يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى + ئۆز ئالدىغا پىلانلاش» ئىچكى جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسىدىن 5300 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى