تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ گۇما ناھىيەسى: پىيالما ئانىرىدىكى «ئۈچ ئۆزگىرىش» نامرات يېزىنى «ئەڭ باي» يېزىغا ئايلاندۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى: «بەك تاتلىق» دېگەن سۈپەت پىيالما تاتلىق ئانىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ باھاسى. دەل مۇشۇ «شېرىن تەم» كوئىنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى چۆل-باياۋانغا جايلاشقان يېزىنى بىراقلا شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى «ئەڭ باي»غا ئايلاندۇردى.

 شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، بىر كىچىك قىز «پىيالما تاتلىق ئانىرى»نى كۆرسەتمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن چياۋچياۋ فوتوسى)

  قۇملۇق بىلەن ئېگىز تاغ ئارىسىدىكى، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەر پەخىرلىنىدىغان «پىيالما ئانىرى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپتىن ئازغا، بالدۇردىن كېيىنگە، كىرىشتىن چىقىشقا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلاندى. تاتلىق ئانار ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىكى «ئۈچ ئۆزگىرىش» ھېكايىسى دېھقانلارنىڭ تىجارەت تەپەككۇرىدىكى ئۆزگىرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئىنتىلىشىدىكى تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ بەردى.  

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، دېھقانلار ئانار رەتلىمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن چياۋچياۋ فوتوسى)

   ئانار دەرىخىنىڭ مېۋىسى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ ئىلگىرى دېھقانلار «مېۋىسى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ!» دەپ قارايتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش بولمىغان جاۋابلار پەيدا بولدى.

  گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمتىمىن مەخسۇت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئانار چېچەكلىگەندە، دېھقانلار بىر قىسىم چېچەكلەرنى كېسىۋېتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېۋىلەشنى ئازايتتى».

  «مېۋە كۆپ چۈشسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ئانار ياخشى چوڭايماي قالىدۇ، جۇغى كىچىكلەپ، مەھسۇلاتى پەرقلىق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياخشى باھادىمۇ ساتقىلى بولمايدۇ.» مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «ئازراق كېسىۋېتىلسە، ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، چۈشكەن ئانار چوڭ ھەم تاتلىق بولىدۇ. ئوخشاش بىر تۈپ دەرەخنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئەكسىچە ئاشىدۇ». 

 شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، دېھقانلار ئانار رەتلىمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن چياۋچياۋ فوتوسى)

  «بىر پۇتاپ يوق قىلىش»تىن «بىر پۇتاپ گۈزەللەشتۈرۈش»كىچە، كۆپتىن ئاز بولۇشقىچە بولغان ئۆزگىرىشتە، پىيالما يېزىسىدىكى دېھقانلار ئالدى بىلەن سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆگىنىۋالدى، مىقدارغا ئىنتىلىشتىن سۈپەتكە ئىنتىلىشكىچە، يۆنىلىش توغرىلاندى، بېيىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

  بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، قۇمبويى كەنتىنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 17 مىڭ يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، بۇلتۇرقىدىن يەنە 700-800 يۈەن كۆپەيدى.

  كىرىمنى ئاشۇرۇشتا ئۆزگىرىشنىڭ تۆھپىسى بار. دېھقان تۇرسۇن قاۋۇز ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «بالدۇردىن كېيىنگە ئۆزگىرىش»نى نامايەن قىلدى.

  11-ئاينىڭ ئاخىرى، «پىيالما تاتلىق ئانىرى»نىڭ ئاۋات سېتىلىش پەسلى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، تۇرسۇننىڭ ھويلىسىدا، يەنە نەچچە يۈز كىلوگىرام ئانار ساقلانغانىدى. مۇخبىر «سېتىلماي تۇرۇپ قالغان» ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلانغاندا، تۇرسۇن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا پىلانىنى تونۇشتۇردى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئانارلار، يېڭى يىل ياكى چاغاندا ساتىمەن، ئۇ چاغدا باھا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ». 

 شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، دېھقانلار ئانار رەتلىمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن چياۋچياۋ فوتوسى)

  تۇرسۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىدىكى سېتىش-سېتىۋېلىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سېتىشقا ئالدىراپ، ئانارنى سېتىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن خاتىرجەم بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن سودىگەرلەر باھانى چۈشۈرۈۋېتىپ، ياخشى ئانارمۇ ياخشى باھادا سېتىلماي قالاتتى».

  2018-يىلى تۇرسۇن ۋە كەنتتىكى بىر نەچچە دېھقان ئائىلىسى «دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئانار ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئانار تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى توغرىسىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن بازار ئىگىلىكىدىكى نۇرغۇن ئەپچىل چارىلەرنى ئۆگەندى. «شاڭخەيلىك دوستۇم ‹ئېسىل نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ› دېگەن. ياخشى نەرسىلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە ساتىمىز» دېدى تۇرسۇن.

  سېتىشنىڭ ئاۋات پەسلىدە، بىرىنچى دەرىجىلىك ئانارنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئاران 20 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، يېڭى يىل، چاغاندا ئوخشاش ئانارنى 30 نەچچە يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ. بالدۇر ۋە كېيىنلىكتىكى ۋاقىت پەرقى باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىگە يەنە «قىزىل بولاق» قوشتى.  

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، دېھقانلار ئانارنى ئوراپ قاچىلىماقتا (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇەن چياۋچياۋ فوتوسى)

  دېھقانلار ئانارنىڭ سۈپىتى ۋە سېتىلىش پەيتى ئۈچۈن باش قاتۇرسا، كەنت كادىرلىرى «پىيالما تاتلىق ئانىرى» دېگەن بۇ «ئالتۇن ماركا»نى قوغداشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تىرانسپورت ھالقىسىدا «سىرتقا چىقىشقا بولىدۇ، كىرىشكە بولمايدۇ»دىن ئىككىلىك كود ياسىتىشقىچە ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ سۈپەت ماركىسىنى يەرلىك ۋە زامانىۋى ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈپ قوغدىدى.

  «پىيالما تاتلىق ئانىرىنىڭ داڭقىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، بەزى سودىگەرلەر پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، باشقا جايلاردىكى ئانارنى پىيالما يېزىسىغا ئەكىلىپ سېتىپ، بىزنىڭ تاتلىق ئانىرىمىزنىڭ ماركىسى ۋە نام-شۆھرىتىگە زىيان يەتكۈزدى» دېدى قۇمبويى كەنتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى ئايگۈل ئەخمەت.

  شۇڭا سېتىش پەسلىگە كەلگەندە، پىيالما يېزىسى ھەرقايسى كەنتلەرنى تەشكىللەپ، تىرانسىپورت ھالقىسىدا «سىرتقا چىقىشقا بولىدۇ، كىرىشكە بولمايدۇ» يەنى پىيالما يېزىسىدىن سىرتقا ئانار چىقىرىشقا بولىدۇ، باشقا جايدىكى ئانارنىڭ پىيالما يېزىسىغا كىرىشى ۋە يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ دېگەن تەدبىرنى قوللاندى. بۇنىڭدىن باشقا، يېزا يەنە بىرلىككە كەلگەن ئىككىلىك كود ئارقىلىق ئانارنى پەرقلەندۈردى ۋە قوغدىدى.

  «پىيالما تاتلىق ئانىرى»نى چۆرىدەپ ئادەم ۋە ئىشلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، كاللا جانلاندى، بەل تۈزلەندى، يانچۇق تومپايدى، كۈنلەر بارغانسېرى ياخشىلاندى... ئۆزگەرمىگىنى پەقەت شۇ شاخلاردىكى قىپقىزىل ئانار ۋە ئېغىزىمىزدىكى شەربەتتەك تەم ...

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى