تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كورلا شەھىرى يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى تەڭشەپ ئۆستۈردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىڭ): بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كورلا شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى تەڭشەپ ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى يىلىغا بىر ئادەم 4296 يۈەندىن يىلىغا بىر ئادەم 5004 يۈەنگە ئۆستۈردى. بۇ شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئەمەلىي كىرىمى ۋە قىيىنچىلىق دەرىجىسى بويىچە، ئۇلارغا دەرىجىگە بۆلۈپ شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ياردەم پۇلى تارقاتتى.

   12-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ كورلا شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ۋە نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كورلا شەھىرى شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن، كورلا شەھىرى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى تەڭشەپ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان، تەڭشەپ بولغاندىن كېيىنكى شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمنىڭ ئېيىغا 520 يۈەن بولغان؛ ھەربىر ئادەمنىڭ يىللىق يېزا تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى 5004 يۈەن بولغان.

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئائىلە كىرىمى ۋە قىيىنچىلىق دەرىجىسى بويىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالى، كېسەل، مېيىپ، قىيىنچىلىق ۋە مۇتلەق چىقىم ئەھۋالىنى تولۇق ئويلىشىپ، A، B، Cدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە تۆۋەن كاپالەت ياردەم پۇلى تارقىتىلىدىكەن. كونكرېت ئۆلچىمى A دەرىجە: شەھەرلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى شەھەر تۆۋە كاپالەت ئۆلچىمىدىن %20 تۆۋەن ياكى تەڭ بولغان ئائىلىلەر، تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر تۇتاش ئېيىغا 520 يۈەن بولىدىكەن؛ يېزىلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ %25ىدىن تۆۋەن ياكى تەڭ بولغان ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر تۇتاش بىر ئادەمنىڭ يىلىغا 5004 يۈەن بولىدىكەن. B دەرىجە: شەھەرلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ %20ىدىن %65ىگىچە بولغان ئائىلىلەرنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر ئادەمنىڭ ئېيىغا بىردەك 416 يۈەن بولىدىكەن؛ يېزىلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ %25تىدىن %70گىچە بولغان ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر ئادەمنىڭ ئېيىغا بىردەك 4008 يۈەن بولىدىكەن. C دەرىجە: شەھەرلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولغان %65 ئائىلىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر ئادەمنىڭ ئېيىغا بىردەك 312 يۈەن بولىدىكەن؛ يېزىلاردىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنىڭ %70دىن يۇقىرى بولغان ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى بىر ئادەمنىڭ ئېيىغا بىردەك 3252 يۈەن بولىدىكەن. شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالىتىدىكى «تۆت خىل كىشىلەر» (ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر مېيىپلەر، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار)نى تۈرگە ئايرىپ كاپالەتلەندۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالىتىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى ئاساسىدا، داۋاملىق ئېيىغا 22 يۈەن بويىچە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى