تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن - تېخنىكا تەرەققىي قىلدى ھاياتىي كۈچ ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېڭ جو

مۇستەقىل ئىجاد قىلىنغان ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىكى قورام تاشلىق نېفىت زاپىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش نەزەرىيە تېخنىكا سىستېمىسىغا تايىنىلىپ، ماخۇدا 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى قورام تاشلىق نېفىتلىك تېپىلدى؛ شىنجاڭ قاپلىق قۇرت كېسىلى ئاساسىي مېدىتسىنا تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللەر، بولۇپمۇ قاپلىق قۇرت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى تەتقىقاتتا زور قەدەم تاشلىدى...

قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ پەن - تېخنىكا تەركىبى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

ئاساسىي تەتقىقات ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى

«بىز تېخنىكا بوغما ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نۆلدىن تۆۋەن ℃55 گىرادۇسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتىكى رېلىسلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چىشلىق چاقىنى ئۈنۈملۈك سىلىقلىيالايدىغان ماينى تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق، ماي ئالماشتۇرۇش دەۋرىلىكىنى 120 مىڭ كىلومېتىردىن 150 مىڭ كىلومېتىرغا ئاشۇردۇق.» شىنجاڭ جىنشۆچى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىركىتىمىز شامال ئېلېكتىر كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇ، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ، كارخانا ئارقا - ئارقىدىن زاكاز تاپشۇرۇۋالدى.

كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پەن تەتقىقات شىفىرلىق ئاچقۇچ. بۇ يىل، شىنجاڭ سانائەت سىلىقلاش ماتېرىياللىرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ تەجرىبىخانىنى شىنجاڭ جىنشۆچى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىرلىشىپ تەشكىللەپ قۇرغان بولۇپ، كارخانا بىلەن ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورنىنىڭ كۈچلۈك بىرلىشىشىگە تايىنىپ، ئاساس تەتقىقات بىلەن ئەمەلىي قوللىنىش ئورگانىك يۇغۇرۇلغان تەجرىبىخانا يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلدى.

شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان، ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆتكەن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا 86گە يەتتى، تەجرىبىخانا قاراشلىق ئورۇنلار ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

«13 - بەش يىل»مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز«بىرىكتۈرۈش، ئورتاق بەھرىلىنىش، مۇلازىمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش»ئومۇمىي پىكىر يولى بويىچە، كەسىپ تەرەققىياتىنى ۋە يەرلىك ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ ھەمدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تېببىي داۋالاش، ساغلاملىق قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، تەشكىللەپ قۇرۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتەك يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى

بۇ يىل شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 - شىسى 16 - تۇەنىنىڭ كېۋەز ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، بۇ يەرگە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىرلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتىشتۈرگەن يۈەنميەن 11 - نومۇرلۇق كېۋەز يېڭى سورتى تېرىلغانىدى. «بۇلتۇر 1000 مو يەرگە سىناق تەرىقىسىدە تېرىغانىدۇق، بۇ يىل 5000 مو يەرگە كۆپەيتتۇق، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 550 كىلوگىرامغا يېتىشى مۆلچەرلەندى، ھەممىسىنى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى زاكاز قىلىپ بولدى.» 16 - تۇەننىڭ تۇەنجاڭى دىڭ شېڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئەلا سۈپەتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئەڭ ئاز دېگەندە ئادەتتىكى پاختىنىڭكىدىن 0.2 يۈەن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى.

«كارخانىلار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنى تەتقىق قىلىپ ئاچىمىز، ئايلاندۇرىمىز.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شۆيۈەن مۇنداق دېدى: ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە ماشىنىدا يىغىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان پاختا سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش مەسىلىسى. كۆپ يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق، بۇ تەتقىقات ئورنى بىڭتۇەن كېۋەز ئۆستۈرۈش بازىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بالدۇر ئېچىلىدىغان، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ماشىنا بىلەن يىغىشقا ماس كېلىدىغان كېۋەز يېڭى سورتى يۈەنميەن 11 - نومۇرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا مۇھىم، زور تۈر مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تېخنىكا بوغما ھالىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، رايون ھالقىغان، ساھە ھالقىغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كاپىتاللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك تېخنىكا توختامىدىن 687سى ئىمزالىنىپ، پۈتۈشۈش ئومۇمىي سوممىسى 782 مىليون يۈەنگە يەتتى.

يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كۈنسېرى جانلاندى

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشىقلەندۈرۈش بويىچە توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى روڭتىڭ شىنليۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشىقلەندۈرۈش بويىچە توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماي، يەنە 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى) ھەم 7 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. شىركەت مەسئۇلى ياڭ ياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەت ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزى باغچە رايونىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، باغچە رايونى پەن - تېخىكا مۇلازىمىتى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەش ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن سىجىل تەمىنلىدى، كارخانا تېز ئۆسۈپ يېتىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «بىر رايون، كۆپ باغچە» يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش پىكىر يولى بويىچە، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئورنى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سۇپىلىرى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، بەلگىلىك پەن تەتقىقات ئاساسىنى ھازىرلىغان بازار سۇبيېكتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، داۋالاش ئەسۋابلىرى ھەم تېببىي دورا ئېچىش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى قاتارلىق كەسپىي ساھەلەردە كەسىپلەشكەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئورنى ۋە داشۆ پەن - تېخنىكا باغچىسى قاتارلىق پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇشىنى پائال قوللاپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تېز يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، كارخانا بازىسى قاتارلىقلاردىن جەمئىي 136سى بار بولۇپ، كارخانا يېتىشتۈرۈش ھەم ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى 6100دىن ئېشىپ، باغچە رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈم ئېففېكتى ھەم كەسىپلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كۈنسېرى جانلاندى، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقى يەنىمۇ زورايدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولى سىجىل كۈچەيدى. 2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 30 مىليارد يۈەنگە يېقىن بولۇپ، سېتىش كىرىمى 665 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى يىلىغا %20 ئەتراپىدىكى سۈرئەت بىلەن كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى