تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپلەر گۈللەندى، پۇقرالار بېيىدى

تولى ناھىيەسىدە:

كەسىپلەر گۈللەندى، پۇقرالار بېيىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، جېن شىشىن، دوۋ شىڭجۈن

11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، تولى ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جيۇۋېيخۇ كىيىم - كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كىيىم - كېچەك پىششىقلاش سېخىدا كىيىم تىكىش ماشىنىلىرىدىن «تاق - تاق - تاق» قىلغان ئاۋازلار چىقىپ تۇراتتى، 25 ياشلىق بالغىنگۈل تۆلەۋ چەبدەسلىك بىلەن كىيىم تىكىۋاتاتتى.

ئۇ نۇرغۇن ئىشچى - خىزمەتچىگە ئوخشاش يېقىن ئەتراپتىكى كەنتتىن كەلگەن بولۇپ، ئائىلىسى ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدى. «بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا ئۈچ يىل بولدى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايمەن» دېدى بالغىنگۈل.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، تولى ناھىيەسى يېزا - كەنتلەردىكى نامرات ئائىلىلەرنى ھەقسىز ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان بالغىنگۈل شۇ ھامان تىزىمغا ئالدۇردى. تەربىيەلىنىش ۋە پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق، ئۇ تىككۈچىلىك ماھارىتىنى ئىگىلەپ، جيۇۋېيخۇ شىركىتىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تولى ناھىيەسى ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ئىدى، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، 2017 - يىلى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بارلىق نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 22 نۇقتىلىق كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %30.1تىن نۆلگە تۆۋەنلىدى.

نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. تەستە قولغا كەلگەن نەتىجە قەغىزى ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قانداق مۇستەھكەملەش تولى ناھىيەسى ئىزچىل ئويلىنىپ كەلگەن مەسىلە.

كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، كەسىپ گۈللەنگەندىلا يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى ئاندىن مۇقىم ئاشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تولى ناھىيەسى باشتىن - ئاخىر كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى قىلىپ، يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمىتى، كىيىم - كېچەك كەسپى قاتارلىق بەش چوڭ كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. كەسىپلەر باغچە رايونى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلەشكەن تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى 37 كەنتتىكى 3500دىن ئارتۇق ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى.

كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى تولى ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى O2O سىناپ بېقىش سارىيىدا، مۇخبىرلار زال ئىچىگە ھەر خىل خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىلغانلىقىنى كۆردى. «ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ناھىيەمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى، تېخىمۇ يىراققا يۈزلەندى» دېدى تولى ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن چياڭ.

2017 - يىلىدىن بۇيان، تولى ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يېزا - كەنت ساياھەت ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا تور پونكىت - نۇقتىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروت يولىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇردى، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمى كۈنسېرى روشەنلەشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تولى ناھىيەسى «مۇلازىمەت مەركىزى + ئېلېكتىرونلۇق سودا(كارخانا) + ھەمكارلىق كوپىراتىپى(بازىسى) + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە جەمئىي 112 مەيدان قېتىم تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، تەربىيەلەش ئارقىلىق 1120 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ جەمئىي 52 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتى سېتىلىپ، 3200دىن ئارتۇق ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چېن چياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، تولى ناھىيەسى يېتەكچى كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى