تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش بېيىش يولىنى يورۇتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

11-ئاينىڭ 30-كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى ئومشا كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئەيسا ھاپىز ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى، خوتۇنى جەننەت ئوسمان ئاشخانىدا توك قازاندا تاماق ئېتىۋاتاتتى، توك پار ئىشلەتكەچكە، ئۆي ئىچى ناھايىتى ئىللىق ئىدى. بۇ يىل، ئومشا كەنتى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى توكى بىلەن خوشلىشىپ، مۇقىم بولغان چوڭ تور توكىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، بۇ يىل قىشتا كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچىغا ئوخشاش توكتىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىدىغان بولدى.

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن تۇرمۇشى ئاپتونوم رايون يولغا قويغان بىر قاتار ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. بۇ تۈرلەر يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تۇرمۇش جەھەتتە قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى يورۇتتى.

ئېلېكتىر تورى پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا-بازارلارغا تۇتاشتۇرۇلدى

11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى بىر كۈنى كەچتە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داتۇڭ يېزىسىدىكى دېھقان تاجىدىن ئېلمىن ئائىلىسىدىكىلەر مېھمانخانا ئۆيىدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرۈۋاتاتتى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ئاخىرقى ئايرىم تور يۈرۈشتۈرۈلگەن يېزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، داتۇڭ يېزىسىغا 6-ئاينىڭ ئاخىرى چوڭ تور توكى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى.

«ئىلگىرى لامپۇچكىنىڭ يۇقىرى قۇۋۋەتلىكىنى سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق، تېلېۋىزور كۆرمەكچى بولۇپ توكقا چاتساقلا توك ئۈزۈلۈپ قالاتتى. چوڭ تور توكى ئۇلانغاندىن كېيىن، سېتىۋالغان كىيىم تىكىش ماشىنىسى، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم» دېدى تاجىدىن.

داتۇڭ يېزىسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 180 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3800 مېتىردىن ئاشىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، داتۇڭ يېزىسىنىڭ توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يېزا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى كىچىك تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتتى. سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۇراقلىق بولمىغاچقا، بىر يىلدا پەقەت يېرىم يىللا نورمال توك چىقىرالايتتى؛ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، پەقەت ئاساسىي يورۇتۇش مەسىلىسىنىلا ھەل قىلالايدىغان بولۇپ، توك قىس بولۇش شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.

داتۇڭ يېزىسىغا ئوخشاش، چەت-يىراققا جايلاشقان ھەم توك سۈپىتى يۇقىرى بولمىغان يېزىلار 2019-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن 11 يورۇقلۇق ئېنېرگىيە مەمۇرىي كەنتىگە چوڭ تور توكى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلدى. 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى تەخمىنەن 592 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ، چوڭ تور توكىنى ئۇزارتىش شەكلى ئارقىلىق چەت-يىراق تاغلىق كەنتلەردە توك قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلدى، 1535 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىپ، ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 386 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭدىكى 259 چېگرا بويىدىكى كەنتتە يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 22 مىڭ ئائىلىدىكى 87 مىڭ 400 دېھقان - چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

2020-يىلى خۇش خەۋەرلەر كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلدى. بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى يولغا قويغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش − يېزا-كەنتلەرنى يورۇتۇش» توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىدە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، جەمئىي 668 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئون نامرات ناھىيەدە ساقلىنىۋاتقان توك تەقسىملەش تورىدىكى قىسمەن «گال بوغىدىغان» مەسىلە ۋە تۆۋەن توك بېسىمى مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىپ، 42 مىڭ 100 ئائىلىدىكى 165 مىڭ 800 كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» دېھقان-چارۋىچىلارغا بەخت ياراتتى

11-ئاينىڭ 6-كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە، 56 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئابلىمىت مەمەت خوتۇنى بىلەن بىللە توك پارلىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ بەھۇزۇر پاراڭلىشىۋاتاتتى.

ئابلىمىت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر يېرىم كېچىدە تۇرۇپ مەشكە كۆمۈر سالمىساقمۇ بولىدۇ، ئۆي پاكىز ھەم ئىسسىق، توكتىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن».

لەڭگەر كەنتى گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 338 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بار. 2019-يىلى، زاڭگۇي يېزىسىدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن يېزىدىكى 3772 ئائىلىلىك كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

ئابلىمىتقا ئوخشاش، بۇ يىل قىشتا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 200 نەچچە مىڭ ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى توكتىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىشنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى.

2019-يىلى، ئاپتونوم رايون «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى (1-قارارلىق)نى يولغا قويۇش لايىھەسى (2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 892 مىڭ ئائىلىدە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشنى تاماملاپ، ھەربىر ئائىلىگە 50 كىۋادرات مېتىر كۆلەم بويىچە پار بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىسى سەپلەپ بەرمەكچى بولدى. 2019-يىلى، ئاپتونوم رايون 316 مىڭ ئائىلىنى توك ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، 2020-يىلى 289 مىڭ ئائىلىنى تاماملايدۇ.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تۈر باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ليۇ دېۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى جەمئىي 956 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش يانداش ئېلېكتىر تورى بويىچە ئون كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن قۇرۇلۇشقا ئىشلەتتى، بۇ تۈر جەمئىي سەككىز ناھىيە (شەھەر)دىكى 76 يېزا-بازار، 322 كەنتتىكى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىدىغان جەمئىي 99 مىڭ 191 ئائىلىگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقان-چارۋىچىلار كۆپىنچە كۆمۈر قالاپ ئىسسىناتتى، تەننەرخى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا توكتىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىش ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، پار بىلەن تەمىنلەش تەننەرخى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىلىپلا قالماي، يەنە مۇھىت ياخشىلاندى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆلچەملىك كۆمۈردىن 950 مىڭ توننا تېجەش، قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدنى 2 مىليون 460 مىڭ توننا، ئىس-تۈتەكنى 9500 توننا، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدنى 22 مىڭ 800 توننا ئازايتىش مۆلچەرلەنگەن، پاكىز ئېنېرگىيە ئاسماننى تېخىمۇ سۈزۈلدۈرگەن.

توك يولى «كېڭەيدى»، كارخانىلار «كۈلدى»

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئالدىراش ھالدا شىنجاڭ لياڭزەي مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ توك سائىتىنى يېڭى توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسىگە يۆتكەۋاتاتتى. ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشچىلىرىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ لياڭزەي مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ لىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.

لياڭزەي مېۋىچىلىك شىركىتىنىڭ 3000 مو ئالمىلىق بېغى ۋە 2000 توننا سىغىمچانلىقتىكى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بار، سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنىڭ سىغىمى چوڭ، توك ئىشلىتىش مىقدارىمۇ كۆپ ئىدى. ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن، ھەر قېتىم ئالمىنى سوغۇق ساقلاش، پاختا پىششىقلاش قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنى تولۇق سىغىمدا يۈرۈشتۈرگىلى بولمايتتى.

بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ توك تەقسىملەش تورى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ليۇ لى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىغا توك ئىشلىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. «ئالمىلىق بېغىمنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئۈچ توننىغا يېتىدۇ، بۇ يىلقى باھا بويىچە ھەر كىلوگىرامىنى 5.5 يۈەندىن 7.5 يۈەنگىچە ھېسابلىغاندا، كىرىمىم 50 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن، يېتەرلىك توك كاپالىتى بولسا، سوغۇق ساقلاش ئامبىرى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ» دېدى ليۇ لى.

ئاقسۇ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانى بىڭتاڭشىن ئالمىسى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خاس باغۋەنچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى سوغۇق ساقلاش ئامبىرى، قەغەز يەشىك زاۋۇتى قاتارلىق ئالاقىدار قوشۇمچە كارخانىلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەچكە، خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەسلىدىكى يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى شۇ جاينىڭ خاس باغۋەنچىلىكىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئاقسۇ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بۇ يىل 35 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىدا توك تەقسىملەش تورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چوڭ سىغىملىق تىرانسفورموتوردىن 35نى ئورناتتى، ئالماشتۇردى، سىغىمچانلىقى 7000 كىلوۋولت ئامپېرغا يەتتى، ئون كىلوۋولتلۇق توك يولى قاتارلىق لىنىيەلەرنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ قۇردى. تۈر خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانى، ئەتراپتىكى بەش مېۋە - چېۋە كارخانىسى ھەم 5000دىن ئارتۇق باغۋەن ۋە ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.

بۇ تۈر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020-يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈر. بۇ يىل، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا چۈشۈرگەن 2020-يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى سېلىنما پىلانى 7 مىليارد 563 مىليون يۈەن بولۇپ، 2019-يىلىدىكىدىن %36.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، 2019-يىلىدىكىدىن %23 ئاشقان، بۇ، تارىختىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان سېلىنما كۆلىمى ئەڭ زور بىر يىل بولۇپ، مەبلەغ مەدىتى سالمىقى تارىختىكى يېڭى پەللىنى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ