تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسلاھات سالمىقى زورايدى تەرەققىيات سۈپىتى ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ئىسلاھات دېگىنىمىز كونىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش دېگەنلىكتۇر. ئىسلاھات يولى بىر يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان يول.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، دەرياغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش جاسارىتى بىلەن، ئىسلاھات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىلىق بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىر تۈركۈم ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى نىزام چىقىرىش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتتا پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

باش نىشان چۆرىدىلىپ، ئىسلاھات بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى

پەقەت باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن «تاغ چوققا»لىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى، «قاتتىق قىيىنچىلىق»لارنى يەڭگىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلدى.

قوشنىلار ئارىسىدا زىددىيەت بارمۇ؟ ئەنسىرىمەڭ. بورتالا شەھىرىنىڭ نەنچېڭ رايونى كوچا باشقارمىسى چاۋياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بيەن جۈنلى مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر مەھەللىنىڭ «تىرىشىپ چۈشەندۈرۈش» ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ، بېشىنى قاتۇرغان ئىشلارنى سۆزلىسە، خەلق مۇرەسسە خادىملىرى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، زىددىيەتنى سىلىق ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

«تىرىشىپ چۈشەندۈرۈش» ئىشخانىسى چاۋياڭ مەھەللىسى ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئىزدىنىشىدە تەسىس قىلغان ئىشخانىلارنىڭ بىرى، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. «بىزنىڭ تىرىشىپ رېمونت قىلىش، تىرىشىپ ئائىلە مۇلازىمىتى قىلىش، تىرىشىپ پىدائىي بولۇش، تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش، تىرىشىپ چۈشەندۈرۈش، تىرىشىپ قانۇن ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئالتە ئىشخانىمىز بار.» بيەن جۈنلى مۇنداق دېدى: «<ئالتە تىرىشىش>نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلدۇق، بىخ ھالىتىدە تۈگەتتۇق، مەھەللىمىز بارغانسېرى ئىناق بولۇپ كەتتى».

چاۋياڭ مەھەللىسىنىڭكىگە ئوخشاش بۇنداق ئۇسۇل ئايرىم مىسال ئەمەس. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. 2016 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى، نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ھېسسىياتنى كۈچەيتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «مەركەزداش چەمبەر» سىزغانسېرى چوڭايدى.

بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىشلىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، تەشۋىقات - مەدەنىيەت، بىڭتۇەن خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە 1766 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ قانات يايدۇردى. نەچچە يىل چوڭقۇر تۈجۈپىلەپ ئىشلەش ئارقىلىق، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ئىسلاھات پايدىسى ھەممە يەرگە تارقالدى.

ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىسلاھات چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلەندى

يېقىندا، كۇچا شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلىگەن مىڭيوۋ ئۇنچىلىق كەسپىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يوۋجياڭ قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى. ئەسلىدە تۈر تۇرغۇزۇشتىن قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى رەسمىيىتىنى ئۆتەشكىچە ئادەتتە يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت كېتەتتى، لېكىن بۇ قېتىم، كۇچا شەھەرلىك ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزى تەمىنلىگەن ھەقسىز ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بۇ ۋاقىتنى 30 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتى. «ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى مېنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى» دېدى ۋاڭ يوۋجياڭ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئون چوڭ ھەرىكەت لايىھەسىنى چىقىرىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 1433 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىقلاش ئىش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، تەڭشىدى ۋە قىسقارتتى؛ «كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنىڭ قولايلىقلىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ياسىمىچىلىق بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق يولغا قويۇش پىكرىنى چىقىرىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

زامانىۋى بازار سىستېمىسى تەدرىجىي تاكامۇللاشتى. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ۋە ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. يېزا يەر تۈزۈمى، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، يېزىلارنىڭ تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش قاتارلىق ئىسلاھاتلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، بازار ئېچىش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ «36+1» يانداش سىياسەت ھۆججىتى بىردەك چىقىرىلىپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلدى.

مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. «ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان» خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش، بايلىق بېجى، مۇھىت قوغداش بېجى قاتارلىق ئىسلاھاتلار مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى.

خەلق ئىسلاھات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندى

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئۆزگەرمەس نىشانى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ نان راسلاش سېخى غوپۇرجان قاسىم ئائىلىسىگە بەخت ۋە كېلەچەك ئېلىپ كەلدى. ئىككى بالىسى ئاغرىق بولغاچقا، غوپۇرجاننىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئىدى. ھازىر، ئۇ بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، قالتىس نان يېقىش ھۈنىرىگە تايىنىپ، بىر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدى. «خىزمىتىمىز بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، تۇرمۇشىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى غوپۇرجان خۇشال ھالدا.

2020 - يىلىغا بارغاندا، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق يولغا قويۇش لايىھەسى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە 3 مىليون 89 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 32 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىستېمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى. ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىق يولغا قويۇش لايىھەلىرىنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدا، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلىشىپ ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2 مىليون 827 مىڭ 200 كىشى بولۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.5 ئىچىدە ساقلاپ قېلىندى.

مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق كىردى»؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەر قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپ ئوقۇتۇشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

داۋالاش، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەر يىلى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى؛ ئۆپكە تۇبېركۇليوز قاتارلىق يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى؛ دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا دورىغا پىرسەنت قوشۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمى، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانى سىجىل يولغا قويۇلۇپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق سۇغۇرتىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، كاپالەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى