تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭدا: باشقا جايغا كۆچۈرۈش دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كۈنلىرىنى لەززەتكە تولدۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ما كەي، شۈ چېڭ، ئامان

ئىلگىرى، شىنجاڭدا نۇرغۇن ئاھالە ئەۋلادمۇئەۋلاد تاغلىق رايون ئىچكىرىسىدە، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشاپ كەلگەن بولغاچقا، بېيىش يوللىرى ئاز، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى قىيىن ئىدى.

ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، باشقا جايغا كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ ياردىمى - يۆلىشىدە، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى مۇكەممەل بولغان زامانىۋىلاشقان يېپيېڭى كەنت، بازارلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ، نامراتلىق دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ھەر مىللەت ئامما رەڭدار تۇرمۇشنى باشلىدى.

ئىمىن مەتقۇرباننىڭ ئىلگىرىكى ئۆيى دەريا بويى يېزىسىدا بولۇپ، بۇ يېزا كىشىلەر تەرىپىدىن «تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزى» دەپ ئاتالغانىدى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەندىلا ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولاتتى. كۆچۈپ چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تېمى يۇلغۇن، قومۇشلارنى باغلاپ، بىر قەۋەت لاي سۇۋاپلا ياسالغانىدى، «قوشاملىق ئۆي» دەپ ئاتالغان بۇ ئۆيلەرنىڭ يېرىقلىرىدىن دائىم قۇم - بوران كىرىپ كېتەتتى، ئۆي ئىچىدىكى قۇمنى تازىلاش ھەر كۈنى ئەتىگەندە قىلىدىغان زۆرۈر ئىش ھېسابلىناتتى.

2016 - يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت دەريا بويى يېزىسىنى كۆچۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى، ناھايىتى تېزلا، ئىمىن بىر ئائىلە كىشىلىرى قۇملۇق مەركىزىدىن ئايرىلىپ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.

ئىمىننىڭ يېڭى ئۆيىدە تېلېۋىزور، سافا، ئۈستەل قاتارلىقلار تولۇق سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرۇبا سۈيى، مۇقىم توك، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلگەنىدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرۇپ، ئىمىن مۇنداق دېدى: «تۇرمۇشىمىزنىڭ قانچە ھەسسە ياخشىلانغانلىقىنى بىلمەيمەن».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىك چوققىلىق، چوڭقۇر جىلغىلىق كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇن پۇقرا ئارقا - ئارقىدىن تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ كەلدى.

قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى چىپان يېزىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرئەلا ئەمەتياز دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بۇلتۇر كوئېنلۇن تاغلىق رايونىدىن ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تەبىئىي گاز ئوچىقىدا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ، «ئاخىرى دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان كۆمۈر ئىسىدىن قۇتۇلدى.» ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش كۈچلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئۇ ئۆيىگە يېڭى ئۆي جاھازلىرىنى تولۇق سەپلىۋالدى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشىم بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدۇم.

ئاممىنى كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللاندى: ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى كىرگۈزدى، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىدى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى...

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئىلگىرى پامىر ئېگىزلىكىدە قوي بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان سۇلايمان ئىسمايىل زامانىۋى دېھقانغا ئايلاندى. 2018 - يىلى، ئۇ تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنىڭ بىر پارنىكىغا ھەقسىز ياردەم بەردى، ھەمكارلىق كارخانىسى ئۇلارنى مايسا بىلەن تەمىنلىدى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى.

ئۆز ئائىلىسىدىكى قويلارنى تاغلىق رايوندىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھاۋالىلىك بېقىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، سۇلايمان ئىسمايىل پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆكتات ئۆستۈرۈش، قوغۇن - تاۋۇز ئۆستۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. بۇلتۇر، ئۇ قوغۇن ۋە جاڭدۇ تېرىپ 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تېپىپ، نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى. بۇ يىل ئۇ يەنە باشقىلاردىن ئىككى پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى، «پەقەت ئەستايىدىل تېخنىكا ئۆگەنگەندىلا، كۆكتات ئۆستۈرۈپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ».

تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، تىپىنى ئۆزگەرتىپ زامانىۋى ئىشچىغا ئايلاندى.

25 ياشلىق بۇھەجەر ھەمدۇللا ھازىر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرى كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى بىر ئاياغ كارخانىسىنىڭ تېخنىكا تايانچى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، كوئېنلۇن تاغلىق رايونىدىكى بۇرۇنقى ئۆيىدە، بۇھەجەر ئائىلىسىنىڭ ئاران بەش مو يېرى بولۇپ، تېرىغان بۇغداي، كۆممىقوناق ئائىلىسىدىكى تۆت جاننىڭ ئوزۇق - تۈلۈكىگىلا يېتەتتى. ئائىلىدىكى باشقا چىقىملار ئېرىنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا سىرتقا چىقىپ ئۇششاق - چۈششەك ئىش قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايانغاندىن باشقا، كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرگەن ئون تۈپتەك ئۆرۈك دەرىخىدىن تاپقان ئازراق پۇلغا قاراشلىق ئىدى.

ئاقتاش بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، توققۇز كارخانا ماكانلاشقان كەسىپلەر باغچىسى ئۇنىڭغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە ياردىمىدە، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ تېخنىكا جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئۈنۈم جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا تايانچىغا ئايلاندى، ھازىر ئۇ 20 نەچچە خىزمەتچىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇھەجەرنىڭ ئىككى - ئۈچ ئايلىق مائاشى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللىق كىرىمىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. «ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى دېگۈدەك بىر قېتىم ناھىيە بازىرىغا بېرىپ بازار ئايلىنىپ تاماق يەپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىمەن» دېدى ئۇ.

ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى بالىسىنىڭ تەربىيەلىنىش شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى بولدى. بازاردىكى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان يەسلى ۋە مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئوقۇتقۇچى كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، تاغلىق رايوندىكى مەكتەپلەرگە ئوخشاش «بىر ئوقۇتقۇچى بارلىق دەرسلەرنى ئۆتمەيدۇ».

«ھۆكۈمەت بىزنىڭ تاغدىن چىقىشىمىزغا ياردەم قىلدى، مەكتەپ بالىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ يىراق جايلارغا بېرىشىغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى ئۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى