تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باغراش كۆلى تېخىمۇ «ساغلام» بولدى

سۇ رايونىنى تۈزەش، ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش

باغراش كۆلى تېخىمۇ «ساغلام» بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، جوۋ پېڭ، جاۋ چاڭفۇ خەۋەر قىلىدۇ: قومۇشلار يەلپۈنۈپ تۇراتتى، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئاق قۇلار ئالاھىدە گۈزەل تۈس قوشقانىدى، قىشتىكى باغراش كۆلىنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەنىدى. باغراش ناھىيەسىنىڭ سۇ رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سۇ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ پايدىسىدا، باغراش كۆلى تېخىمۇ «ساغلام» بولدى، تېخىمۇ گۈزەللەشتى.

ئىلگىرى، باغراش كۆلى ئېقىن رايونى ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر ھەم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - چاڭلىرىدا · كەڭ كۆلەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، سانائەت قۇرۇلۇشى ھەمدە نوپۇسنىڭ يىلدىن - يىلغا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى ئېقىندىن كەلگەن سانائەت كېرەكسىز سۈيى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى، ئېتىزدىن چىقىرىلغان سۇ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆلگە قويۇپ بېرىلىپ، سۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، بۇلغىما مىقدارى ئېشىپ كەتكەنىدى.

باغراش كۆلى بىرمەھەل «كېسەل» بولۇپ قالغانىدى. باغراش ناھىيەلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ يى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاشۇ چاغدىكى باغراش كۆلى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇپ، كۆل بويىدىكى سۇلۇق يەرلەر چېكىنىپ، كۆل سۈيىنىڭ كۆلىمى كىچىكلەپ، سۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى.

«باغراش كۆلىگە سۇ قويۇپ بېرىدىغان خۇاڭشۈي جىلغىسىدىمۇ ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالدى.» مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان كۆل چارلىغۇچى بالجيې باغراش كۆلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولدى.

كېسەل داۋالاشتا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش كېرەك. باغراش ناھىيەسى دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، باغراش كۆلىدىكى نۇقتىلىق بۇلغانغان رايون خۇاڭشۈي جىلغىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش تۈرىنى يولغا قويدى.

ليۇ يى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل خۇاڭشۈي جىلغىسى ئارقىلىق باغراش كۆلىگە 156 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى، خۇاڭشۈي جىلغىسى تەدرىجىي ھالدا ئىلگىرىكى سۇ قۇشلىرى ياشايدىغان، كۆپىيىدىغان جاي ۋە ياۋايى بېلىقلار قايتىدىغان، تۇخۇم تۇغىدىغان چوڭ يول بولۇشتەك ھالىتىگە قايتىپ، باغراش كۆلى چوڭ كۆل رايونىدىكى سۇنىڭ چوڭ ئايلىنىشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۇ مۇھىتىنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى. نۆۋەتتە، باغراش كۆلى قۇشلار كۆچۈش سەپىرىدە توختايدىغان، ئوزۇقلىنىدىغان، كۆپىيىدىغان جايغا ئايلاندى.

نەق مەيداندا زىيارەت قىلغاندا، مۇخبىرلار كۆز ئالدىدىكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولۇق ئۆسكەن، ھايۋانلار پەيدا بولغان بۇ سۇلۇق يەرنىڭ ئىلگىرى قاقاسلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالدى. «ئىلگىرى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى بولغان ئېتىزدىن چىقىرىلغان سۇ كۆلگە قويۇپ بېرىلەتتى، ھازىر سۇ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ۋە سىغدۇرۇلىدىغان يەرگە باشلىنىپ، كۆل رايونىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، بىرتۇتاش تازىلاپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.» دېدى دەريا بۆلىكى باشلىقى پېڭ سىكې.

«ئىلگىرى سۇ سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئىدى، تۇپراق شورلىشىپ كەتكەچكە، پەقەت كۆممىقوناق ۋە مايلىق ئاپتاپپەرەسلا تېرىغىلى بولاتتى، ھازىر بىز بۇغداي تېرىپلا قالماي، يەنە كۆپ خىل كۆكتات ئۆستۈرەلەيدىغان بولدۇق.» بالجيې كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭىمۇ ئۆستى، دەرياغا پاسكىنا سۇ قويۇپ بېرىدىغانلارنى بايقىسا، ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ.

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، باغراش ناھىيەسىمۇ مۇھىت قوغداش <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانىنى تۈزدى، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تەدبىر ۋە تۈرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى. ئېكولوگىيە تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، باغراش كۆلى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە، باغراش كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن 3 - دەرىجىلىك سۇ ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدۇ» دېدى ليۇ يى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى