تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چايقىلىپ تۇرغان زۇمرەتتەك سۇغا يېيىلغان «تور»دىكى بەخت

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى

شىنجاڭ تىيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى (12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

شىركەتتە ئىشلىگەندىن كېيىن، غۇسبان ئارالباي نىلقا ناھىيە بازىرىدىن يېڭى ئۆي سېتىۋالدى. (12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تارتىلغان)

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، خىزمەتچىلەر سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

«بۇ توردا 2000غا يېقىن بېلىق تۇتقىلى بولىدۇ، مۇز بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، بازاردا ساتىمىز» دېدى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسى شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تيەنيۈن شىركىتى دېيىلىدۇ) سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ خىزمەتچىسى غۇسبان ئارالباي ئىشداشلىرى بىلەن بىللە تورنى يىغىپ بېلىق تۇتقاندا.

2014 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ سودىگەر چاقىرىشى بىلەن، تيەنيۈن شىركىتى نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسىغا ماكانلىشىپ، مەبلەغ سېلىپ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى قۇردى. 2017 - يىلى تيەنيۈن شىركىتى قاراسۇ يېزىسىدىكى 609 نامرات ئائىلە بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ يۈشۈيچىڭ يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، نامرات كەنت ئاھالىلىرىگە كىرىمنى ئاشۇرىدىغان سۇپا بەرپا قىلىپ بەردى. ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ئارقىلىق پاي قوشقان 609 نامرات ئائىلە ھەر يىلى قوشقان پاي نىسبىتى بويىچە بۆلۈپ بېرىلگەن پايدىغا ئېرىشتى.

غۇسبان ئائىلىسى مۇشۇ 609 ئائىلىنىڭ بىرى. «ئىلگىرى مەن پايچىك بولالايدىغانلىقىمنى، ھەر يىلى بۆلۈپ بېرىلگەن 3000 يۈەن پايدىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» غۇسبان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ شىركەتتە ئىشلىگىنىمگە بەش يىل بولدى، مائاشىم 2000 يۈەندىن ئۆسۈپ ھازىر ئايدا 4500 يۈەنگە يەتتى.

«باقمىچىلىق بازىسىدا نۆۋەتتە 140تىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيدۇ، بۇلارنىڭ %70ى شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلار، بىز نامرات كەنت ئاھالىلىرىنى ئالدىن قوبۇل قىلدۇق، نۇرغۇن نامرات ئائىلە مۇشۇ سەۋەبتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە كارخانىمىز يەنە ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرلىرىنى يولغا قويىدۇ، ئىشچى ئىشلىتىش سانى يەنىمۇ ئاشىدۇ» دېدى تيەنيۈن شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شيۇ.

«ناھىيەمىز سوغۇق سۇ بېلىقى خاس باقمىچىلىقى، سېتىش، پىششىقلاش ۋە خاس ساياھەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى» دېدى نىلقا ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ھاسان مۇقامەتجان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى