تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرلا ئىشىكتىن كىرىش ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش

قاراماينىڭ سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى خەلققە قولايلىق ياراتتى، خەلققە پايدا يەتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەننىڭ 7 - قېتىملىق چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشىدە بايقالغان تىپىك تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەقدىرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە «قاراماي شەھىرى سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق بولۇش، خەلققە پايدىلىق بولۇش، كۆپەيتكىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ»، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تىزىملىككە كىرگەن شەھەر بولۇپ قالدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراماي شەھىرى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتا يارىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قولايلاشقان مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى مۇلازىمەتنى يۇغۇرۇش بىلەن «ئۇچۇرنى كۆپرەك يوللاپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىش» خىزمەت تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە «خەلققە قولايلىق بولۇش، خەلققە پايدىلىق بولۇش، كۆپەيتكىلى بولۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، قاراماي شەھىرى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى، «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش»، مەبلەغ سېلىش تۈرى توغرىسىدا ۋەدە بېرىش تۈزۈمى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 2450 تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

قاراماي شەھىرى سىجىل تۈردە سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئازايتىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارغا ئورۇن بوشىتىش، كارخانىلارغا ئەركىن مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈم ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ئاز قاتراش ئىشلارنى ياخشى بېجىرىش

بۇ يىل يىل بېشىدا، قاراماي شەھىرى ئاھالىسى ياڭ شياۋۋېي ئۆيىدە تور سۇپىسى ئارقىلىق يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىردى ھەم ئىككى كۈندىن كېيىن قاراماي شەھىرىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا تىجارەت كىنىشكىسى ۋە يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئالدى.

«بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن كىنىشكىنى ئالغۇچە بىر قېتىملا قاتراپ، دۇكان ئېچىشقا كېرەكلىك كىنىشكىلارنى بېجىرىپ بولدۇم، ھەقىقەتەن ھەم تېز، ھەم قولايلىق بولدى!» دېدى ياڭ شياۋۋېي خۇشال ھالدا.

كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش مۇھىم تىجارەت - سودا يۇمشاق مۇھىتى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭمۇ مۇھىم بەلگىسى.

قاراماي شەھىرى كۆزلەش نۇقتىسىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىنى رەتلەشكە قاراتتى ھەم ئۇنى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنىڭ ئۇل تېشى قىلىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. شەھەرنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى كۆچمە ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى قۇرۇپ، ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۇچۇر توسۇقى»نى بۇزۇپ تاشلاپ، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپرەك يوللاش، ئاممىنى ئاز قاترىتىش، ھەتتا قاتراتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۈر نامى بىرتۇتاش بولۇش، بېكىتىش ئاساسى بىرتۇتاش بولۇش، ئىلتىماس قىلىدىغان ماتېرىيال بىرتۇتاش بولۇش قاتارلىق «سەككىز بىرتۇتاش بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، قاراماي شەھىرى بەش تۈركۈم «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرى مۇندەرىجىسىنى تۈزدى ھەم ئېلان قىلدى، جەمئىي 2450 تۈردە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، شەھەرنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى 150 ئورۇنغا كىرىپ ماكانلىشىپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق كەسىپ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى، قوبۇل قىلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە مۇلازىمەت ئىش تۈرى ئون ھەسسىگە يېقىن قاتلاندى، كارخانىلار، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشتى.

بىرلا ئىشىكتىن كىرىش، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش. قاراماي شەھىرى «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، توپلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر، رايون ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنى ئۆزگەرتتى ۋە بىرلەشتۈردى، ئەسلىدىكى تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن ئايرىم تەسىس قىلىنغان كۆزنەكلەرنى بىرىكتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال كۆزنەك قىلدى، «ئالدى سۇپىدا ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىپ، ئارقا سۇپىدا تۈرگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، بىرتۇتاش كۆزنەكتە ھۆججەت چىقىرىپ»، مۇلازىمەت كۆزنىكى سانىنى 136دىن بىرىكتۈرۈپ ھازىرقى 93كە ئىخچاملىدى، قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە مۇلازىمەت قىلىش تۈرلىرى 900دىن ئارتۇق تۈردىن نۆۋەتتىكى 1300دىن ئارتۇق تۈرگە كېڭەيدى، بېجىرىپ تاماملاش ۋاقتى %32 قىسقاردى.

بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي شەھىرىدە، ھەر مىللەت ئامما پەقەت بىر زالغا كىرىپ، پەقەت بىر كۆزنەكنى تېپىپ، پەقەت بىر قېتىم ماتېرىيال تاپشۇرسىلا، «توردا بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش، پۈتۈن شەھەردە بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

بىر ئىشنى بىر قېتىمدا بېجىرىش

ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى جەلپ قىلىش كۈچىدۇر، رىقابەت كۈچىدۇر، ئۇ يەنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر.

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى قاراماي شۆبە شىركىتى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە كېرەكلىك بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ تاماملاپ بولۇپ، ئىش باشلاش باسقۇچىغا كىردى. شىركەت مەسئۇلى جى دەندەن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز نۇرغۇن ماتېرىيال تاپشۇراتتۇق، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ساقلاپ ئاندىن قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولالايتتۇق، ھازىر پەقەت بىر قېتىم ماتېرىيال تاپشۇرۇپ، 60 نەچچە خىزمەت كۈنىدىلا رەسمىيەتلەرنى بېجىرگىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىلارنى ناھايىتى زور ياردەم بىلەن تەمىنلىدى».

بېجىرىپ تاماملاش ۋاقتىنى قىسقارتىش، تاپشۇرۇلىدىغان ماتېرىياللارنى ئىخچاملاش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى مەركەز قىلغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بىر قېتىملا ئۇقتۇرۇش قىلىش، بىر قېتىملا جەدۋەل تولدۇرۇش، بىر قېتىمدا بىرلىشىپ بېجىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىپ تاماملاش مېخانىزمى ۋە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ماتېرىيال كەم بولسىمۇ بېجىرىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ بېجىرىش قېتىم سانى كۆپ بولغان 75 تۈرلۈك ئىش تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ، ماتېرىياللارنى ئىخچاملاپ، توردا بېجىرىش بويىچە «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بازار سۇبيېكتلىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، خەلق ئاممىسىغا قولايلىق ياراتتى.

ئىلمىي تەقسىملەش، ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق قاراماي شەھىرى «كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»، «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، تەستىقلاش جەريانىدا قانۇندا بەلگىلەنمىگەن، تەكرار تاپشۇرغان، دەلىللىگىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاراماي شەھىرى مۇلازىمەت ئىشلىرى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان ئەھۋالدا، كارخانا نامى، تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى توردا بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ھالقىسىنى ئالتىدىن تۆتكە قىسقارتتى، قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتىنى 2.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىپ، كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، كارخانىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، تامغا ئويدۇرۇش، تالون ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، بانكا ھېساباتى ئېچىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىلا توردا بېجىرگىلى بولىدىغان قىلدى.

ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنىڭ «قەيەرگە بېرىپ بېجىرىش، كىمنى ئىزدەپ بېجىرىش، نەگە قاتراش»نى بىلمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، قاراماي شەھىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تور بېكىتىدە «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەسپىي كىچىك ياردەمچىسى» بۆلىكىنى يولغا قويۇپ، ئىش بېجىرىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، ئۈلگىلىك ھۆججەت قاتارلىق ئىش بېجىرىشتە پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى ھەم تور سىرتىدا «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇش»نى يولغا قويۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى.

ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش بىرنى ئاشكارىلاش

تىجارەتچىلەرگە پايدىلىق تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشقا ئېھتىياجلىق.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى ۋە ئۇنى كۈچەيتتى، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنى، بىرتۇتاش سۇپا ئىشلىتىشنى، ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىغان ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى، بازار سۇبيېكتلىرى ئامبىرى قۇرۇشنى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنى، ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىلانىدا ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قاپلاش، ھەمدە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تاللاپ تەكشۈرۈش پىلانىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئالتىنى تولۇق قاپلاش، ئۈچنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

قاراماي شەھىرى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بىلەن ئىناۋەتنى تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئىناۋىتىنى باھالاش نەتىجىسىنىڭ «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جەريانىدا قوللىنىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش، ئىناۋەت ۋەدىسى، بىرلىشىپ مۇكاپاتلاش - جازالاش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئىجادىي ئورنىتىپ، پەرقلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئىناۋەت دەرىجىسى تۆۋەن بازار سۇبيېكتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ ۋە قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، «ئۆتكۈر شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى بولغان A تۈردىكى بازار سۇبيېكتلىرىغا قارىتا «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ھازىر، قاراماي شەھىرى تۈزگەن «<ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش> خىزمەت ئۆلچىمى» «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىشلىرى كودى قائىدىسى» «ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى»دىن ئىبارەت ئۈچ يۈرۈش ئۆلچەمنى ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتتى ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى سۈپىتىدە ئېلان قىلدى.

قاراماي شەھىرى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، قاراماي شەھىرىنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدار تىپىدىكى، مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت بولۇشتەك مۇلازىمەت ئېڭى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كۆپەيتكىلى بولىدىغان بىر يۈرۈش تەجرىبىلەرنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار جېن شىشىن، دوۋ شىڭجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ ۋېنجىڭ، ۋاڭ گودۇڭ، لۇ ياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ