تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە 3 - قېتىملىق مەملىكەتلىك «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى»، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈردى.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. يېقىندا ئېچىلغان مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچى ئورنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىرقاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى تۈزىدۇ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ، پارتىيە ئۆزى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك.» پايتەختتىكى ھەر ساھەنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلغاندىن تارتىپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە؛ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىچە؛ دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى تەسىس قىلىشتىن ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقىچە... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىرقاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاساسىي قانۇندا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىرادىسى ۋە ئورتاق ئارزۇسى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىپادىلىنىش شەكلى. ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق؛ ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق؛ ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى قوللىنىش تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇمىي خەلق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ھەممىدىن ئەلا، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتەك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسى خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇلۇغ كۈچى خەلقنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىدىن كەلگەنلىكىدە. يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداش، جەزمەن ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ قەتئىي كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى قەلبىمىزدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، قاتتىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، ئاڭلىق قوللانغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى بولساقلا، بىز چوقۇم دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى