تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇپ تور ھاسىل قىلىش قاتناش ئارقىلىق جاھاننى تۇتاشتۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 17دە، 106 ئۈستى ئوچۇق ۋاگونغا لىق كۆمۈر قاچىلانغان 10158 - قېتىملىق پويىز خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولىنىڭ نوم ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا يولغا چىقىپ، چېڭدۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بۇ، خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولىدا بۇلتۇر قاتناش باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۈستى ئوچۇق ۋاگوندا كۆمۈر توشۇلۇشى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى چۆرىدەپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتتى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە تورى تېزدىن شەكىللەندى، چېگرادىن كىرىپ - چىقىش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىش تېخىمۇ قولايلاشتى، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاقىسى تېز راۋانلاشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

قاتناش تورى توقۇغانسېرى زىچلاشتى

بۇ يىل ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى يەنە بىر «تۆتنى سەككىزگە ئۆزگەرتىش» تۈرى بولغان ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G30)نىڭ شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى نورمال يۈرۈشتى، شىنجاڭدا قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 481 كىلومېتىرغا يەتتى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، بىر قاتار مۇھىم، زور قاتناش قۇرۇلۇشلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەمەلىيلىشىپ، قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ مىڭشۈي - قومۇل، G3012 قەشقەر (يېڭىشەھەر) - قاغىلىق - قاراقاش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 194 مىڭ 200 كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 5293 كىلومېتىر بولۇپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئاساسىي رامكىسى شەكىللەندى. 2019 - يىلى، G30 تۇرپان - شياۋساۋخۇ، G30 ئۈرۈمچى - كۈيتۈن، G30 شياۋساۋخۇ - ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆتنى سەككىزگە ئۆزگەرتىش يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭ سەككىز ئاپتوموبىل يولىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى.

تۆمۈريول تەرەققىياتى تېز ھەم پۇختا بولدى. لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، ئېجىنا - قومۇل تۆمۈريولى، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى، بورتالا ئوبلاستى تارماق لىنىيەسى قاتارلىق تۆمۈريوللارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يول كۆپەيدى، توشۇش ئىقتىدارى ئاشتى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي تىجارەت مۇساپىسى 6838.7 كىلومېتىرغا يېتىپ، 2015 - يىلىدىكىدىن 1000 كىلومېتىرغا يېقىن ئېشىپ، ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقتىن ھالقىغان پۈتۈنلەي يېڭىچە يول تورى ئورۇنلاشتۇرۇشى شەكىللەندى. بۇ يىل ئىچىدە گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇب - شىمال تۆمۈريول تورى ئايلانما لىنىيەسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى.

ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تېزلەشتى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يەتتە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە چۆچەك، ئالتاي، غۇلجا، ئاقسۇ ئايرودۇرۇملىرىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شىنجاڭدا ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى 22گە يېتىپ، زامانىۋى يېڭى ئايرودۇرۇملار قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

«ماڭالايدىغان بولۇش»تىن «تېز مېڭىش» «ياخشى مېڭىش»قىچە

بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن دېھقانچىلىق مەيدانى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شياڭخې كەنتىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، ئاقسۇ شەھىرىدىن 135 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ كەنت پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەر ئىچىدىكى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلغان ئەڭ ئاخىرقى كەنت بولۇپ قالدى.

«ئىلگىرى كەنتىمىزدىكى يوللارنىڭ ھەممىسى توپىلىق ئىدى، بوران چىقىپ يامغۇر ياغسا، يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ يول مېڭىشىمىز ناھايىتى تەسكە توختاپ، سىرتقا چىقىشقا ئامالسىز قالاتتۇق» دېدى كەنت ئاھالىسى لۇ شۆسەن.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا غايەت زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 133 مىڭ 100 كىلومېتىر(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يېتىپ، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن تەخمىنەن 16 مىڭ 100 كىلومېتىر ئۇزاردى، شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى. يول تۇتىشىپ ئاپتوموبىللار قاتناپ، دېھقان - چارۋىچىلار «سىرتقا چىقسىلا سېمونت يولدا ماڭىدىغان، پۇتىنى كۆتۈرسىلا ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان» ياخشى كۈنلەرنى كۈتۈۋالدى.

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئەمدى ئاسانلاشتى، ئۇلار «ماڭالايدىغان» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «تېز ماڭالايدىغان» «ياخشى ماڭالايدىغان» بولدى.

2019 - يىلى 8 - ئايدا، «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتناپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز دەۋرىگە قەدەم قويدى ھەم ئۈرۈمچىدىن كورلا، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق يۆنىلىشلەردە سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىرلىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ئارقا - ئارقىدىن قاتناپ، پويىزلارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى. يۇقىرى زىچلىقتىكى، ئاممىۋى قاتناشقا ئايلانغان پويىزلارغا تايىنىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان بىر سائەتتىن بەش سائەتكىچە بولغان تۆمۈريول قاتناش چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىدە ئېلېكتىرونلۇق يولۇچىلار بېلىتى يولغا قويۇلدى. 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋوگزاللىرىدا ئېلېكتىرونلۇق يولۇچىلار بېلىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، يولۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق يولۇچىلار بېلىتى ئارقىلىق «بىر كىنىشكا بىلەن يول يۈرۈش» ئېلىپ كەلگەن قولايلىق سەپەرگە چىقىش تۇيغۇسىدىن خۇشال ھۇزۇرلاندى.

ئوخشاشلا بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە تۇنجى نۆۋەتلىك ئوق پويىز قاتنىدى، پۈتۈن مۇساپىنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 13 سائەت 22 مىنۇت بولۇپ، ئىككى جاي ئارىسىدىكى نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 12 سائەتتىن 21 سائەتكىچە قىسقاردى.

2019 - يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردا ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 264كە يېتىپ، 19 دۆلەت، 23 خەلقئارا شەھەر، 84 دۆلەت ئىچى شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا ئايروپىلان قاتناپ، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھاۋا قاتنىشى تورى تېز شەكىللىنىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ تېزلەشتى، راھەتلەشتى.

«چوڭ تومۇر»نى ئېچىش «ئۇششاق ئايلىنىش»نى راۋانلاشتۇرۇش

ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا، قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قاتنىشىدا «چوڭ تومۇر» ئېچىلىپ، «ئۇششاق ئايلىنىش» راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەندى.

قاتناش سودا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا يۈك ئاپتوموبىللىرى لىق يۈك بېسىپ ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ 84 مىليارد 200 مىليون توننا تىجارەت خاراكتېرلىك تاشيول يۈك تىرانسپورت مىقدارىنى تاماملىدى.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى جياڭجۈنمياۋ ئايلانما لىنىيەسىدە مەشغۇلات ئىشچىلىرى كۇنۇپكىنى يېنىك بېسىپ، كۆمۈرنى ئامباردىن چىقاردى، ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق پويىز ناھايىتى تېزلا كۆمۈر قاچىلاپ يولغا چىقتى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاساسلىق توك تارقىتىش كارخانىلىرىنى تۆمۈريول ئارقىلىق كۆمۈر توشۇشقا ماسلاشتۇرۇپ، كۆمۈر توشۇش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتىغا قارىتىلغان كۆمۈر توشۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كۆمۈرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك توشۇپ چىقاردى. بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان يۈك مىقدارى 100 مىليون توننىغا يېتىپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى 100 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇش نىشانىنى بۇلتۇرقىدىن مۇددەتتىن 35 كۈن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، قاتار - قاتار تۆمۈريول لىنىيەلىرى بايلىق توشۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا «ئايروپىلانلىق» يەتكۈزۈلۈپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئاھالىلەر شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تېتىيالايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى بوشلۇق كارىدورى بەرپا قىلىندى.

قاتناش كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغ - كۇچا بۆلىكىدىكى تاشيولنىڭ كەمتۈك، بۇزۇلغان جايلىرىنى تولۇقلاپ رېمونت قىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملاندى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يېڭىدىن 1500 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بەھۇزۇر تاماشا قىلالايدىغان بولدى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ئاپتوموبىلى بۇ يول بۆلىكىدە قاتناپ، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشتى.

2016 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانى تەدرىجىي كۆپىيىپ، 2019 - يىلى 1102 قېتىم قاتنىدى. شىنجاڭ غەربكە يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتى يولىدىن ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروتى يىغىلىش - تارقىلىش ئورنىغا ئايلىنىپ، 100دىن ئارتۇق كارخانىنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

تاغ قانچە ئېگىز بولسىمۇ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، يەلكەن چىقىرىپ قايتا سەپەرگە ئاتلىنىمىز. ھازىر ھەربىر مۇھىم، زور قاتناش قۇرۇلۇشلىرىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنماقتا، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتمەس - تۈگىمەس قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى «14 - بەش يىل»نىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى