تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرايلى

− 7- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، بىز 7 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق. ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى تېزلەتتى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاساسىي قانۇننى باشلامچى قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى روشەن كۈچەيدى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىللىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا قارىتا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتىن كەلگەن ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قانداق يولغا قويۇلىدۇ قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. بۇ بىر مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزىدۇ، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يولغا قويىدۇ، پارتىيە ئۆزى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.

ئاساسىي قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا. ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتا، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. «قانۇن ئۆزلۈكىدىن يولغا قويۇلمايدۇ»، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىقتىكى ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش - تۇرالماسلىقىدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش - يۈرگۈزەلمەسلىكىدە. دىققەتنى ئاساسىي قانۇننى چۈشەندۈرۈش تەرتىپ - مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن ئاساسلىنىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك.

«قانۇن جەزمەن ئېتىقاد قىلىنىشى كېرەك، بولمىسا قۇرۇق نەرسە بولۇپ قالىدۇ.» ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇشتا، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى تۆۋەن چېكىنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئادىللىق، ھەققانىيلىق قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ روھى ۋە جېنى. خەلق ئاممىسىنىڭ دەۋا تەلىپىگە قانۇن بويىچە ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى قانۇنغا تولۇق ئىشەندۈرگىلى، قانۇننى ئاڭلىق قوللىنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى باشلامچىلىق بىلەن قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىدىغان، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوللىنىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، مۇقەررەر ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىدە قۇدرەتلىك قانۇنچىللىق كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى