تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جياۋ مېي فوتوسى، خەۋىرى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چۆرىدەپ، كەسىپ + ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل مۇقىم تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كۆرگەزمە رايونىدا، مۇخبىر كۆرگەزمە رايونىدا كۆرگەزمە ئىشكاپى، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش تېمى، سىن كۆرگەزمە ئېكرانى ۋە كېڭىشىش رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆردى. كۆرگەزمە ئىشكاپىدا نامرات رايونلارنىڭ چىلان، ياڭاق، نەشپۈت، قىزىلگۈل، گۆش مەھسۇلاتلىرى ۋەكىللىكىدىكى 130 نەچچە خىل خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى نۇقتىلىق نامايان قىلىندى؛ نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش تېمى سۈرەت ۋە يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى يېتەكچى كەسپىلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش نەتىجە ئۈنۈمىنى نۇقتىلىق نامايان قىلدى...

 ليۇ جۈياڭ (ئوڭدا) سودىگەرلەرگە گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما تاتلىق ئانارىنى تونۇشتۇرماقتا.

  «بۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ ئانىرى، تېتىپ باقامسىز؟» 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ ئانار كۆرگەزمە ئورنىدا، مۇخبىر ليۇ جۈياڭنىڭ سودىگەرلەرگە خوتەن گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما تاتلىق ئانارىنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئانارلارنىڭ سودىگەرلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ليۇ جۈياڭ ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆردى.

  ليۇ جۈياڭ گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كادىرى، بۇ قېتىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ئۇ كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ليۇ جۈياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر، گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدا ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 24 مىڭ موغا، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 18 مىڭ موغا يەتتى، 2020-يىلى ئانارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 115 مىڭ 32.9 توننىغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 121 مىليون يۈەنگە، 2020-يىلى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 16 مىڭ 920 يۈەنگە يەتتى، ئانار كەسپى پىيالما يېزىسى خەلقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ‹بېيىش مېۋىسى›گە ئايلاندى».

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، گۇما ناھىيەسىنىڭ ئانىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشى پىششىق بىلىشى كېرەك، يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، بىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كارخانىمىز تېخىمۇ چوڭ بازار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئائىلىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئۇ.

  سەي گاڭ شىنجاڭ كېرىيە گۈيمى بىيو پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى، بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك سودا يەرمەنكىسىدە ئۇ شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتى دېگەننى ئاڭلىغان ھامان، ئەھۋال ئىگىلەپ، سېتىۋېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىگە كۈچ قوشتى».

  سەي گاڭ مۇنداق دېدى: «شىركەت كېرىيە ناھىيەسىدە قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش، ئۈزۈش، پىششىقلاش قاتارلىق زەنجىر ئارقىلىق 1500 ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، كېيىنكى قەدەمدە، شىركەت يەنە قىزىلگۈل مەھسۇلات لىنىيەسىنى داۋاملىق بېيىتىپ، قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈشتىن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ».  

قاغىلىق ياڭىقىدىن ئىبارەت بۇ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتىمۇ دېھقانلار يەرمەنكىسىدە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.

  «بۇ بىر نەچچە يىلدا، بىز ياڭاقنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتۇق.» شىنجاڭ مېيجيا يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ غەربىي جەنۇب تەۋەلىك رايونىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى ياڭ يى مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىلگىرى، شىركەت چۇڭچىڭدا سېتىش تەۋەلىك رايونى قۇرۇپ، چۇڭچىڭنى مەركەز قىلىپ، ھەر يىللىق سېتىش سوممىسىنى 30 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت شەندۇڭ، شىئەن، شاڭخەيدە سېتىش تەۋەلىك رايونى قۇرۇپ، كۈچەپ بازار ئاچتى.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى دى كەييۈەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش 832 سېتىش سۇپىسىغا ماكانلىشىپ، بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ ھەر يىلى 10 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ چىلان، ئۈزۈم مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ياڭاق مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، گۆش كالىسى، گۆش قويى، خاس سۈتچىلىك مەھسۇلاتلىرى مەملىكەت بويىچە خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ، پىگمېنت لازىسى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، ئارپىبەدىيان، زاراڭزا، شىنمېي، نەسىللىك توشقان، گۆش كەپتىرى قاتارلىق خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپى ھەمدە نان ۋەكىللىكىدىكى ئاساسىي ئوزۇقلۇقنى پىشىقلاش كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، «بىر ناھىيەدە بىر كەسىپ»، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» كەسىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقنى يۆلەشتىكى يېتەكچى كەسىپلىرى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز نامرات رايونلارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق مەۋقە قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى توغرا تاللاپ، تىجارەت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سۇبيېكتلارنىڭ نامراتلارنى يېتەكلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى