تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پۇختا ئالغا سىلجىتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گاۋ فاڭ

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ تۆھپىسى ئەبەدىلئەبەد بولىدۇ. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەدەنىيەتنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، خەلققە پايدىلىق بولۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەتكە قاتنىشىش دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئاكتىپ مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ئەلالاشتۇرۇلدى

2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 -كۈنى، ئۈرۈمچى جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدا مەيدان - ساراي پۈتكەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تىياتىرخانىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 22 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، چوڭ - كىچىك ئىككى تىياتىرخانىدىن تەركىب تاپقان، رەقەملەشكەن كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ ئۈسكۈنىسى، مىڭ گۇرۇپپا سەھنە چىرىغى، 3Dلىق پىرويېكسىيە ئۈسكۈنىسى ۋە شايى پەردە گۇرۇپپىسى بار. تىياتىرخانا پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كۆپلىگەن شىچۈ تىياتىرى مەكتەپ - ئۆمەكلىرىدىكى داڭلىق سەنئەتچىلەر، داڭلىق ئارتىسلار بەس - بەستە سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇپ، شىچۈ تىياتىرى مەستانىلىرىگە يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك شىچۈ تىياتىرى نومۇرلىرىنى سوۋغا قىلدى.

شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تۆت يىل ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى رەسمىي ئېچىلدى، يېڭىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يېڭى كۇتۇپخانىنىڭ مۇھىتى گۈزەل، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولۇپ، ھەر خىل ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە قولايلىق ئوقۇش تەسىراتى بىلەن تەمىنلىدى. كۇتۇپخانا ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى «ئاجايىپ رەڭدار بالىلىق دەۋر − جۇڭگو 100 يىللىق بالىلار كىتاب كۆرگەزمىسى» «يىپەك يولىدىكى شانلىق سەھىپە، كىتاب لەززىتى − ئالاھىدە ساقلانغان ھۆججەتلىك ماتېرىياللار كۆرگەزمىسى» «گۈزەل تىيانشان − شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كەشتىلەپ ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش تەجرىبە نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق باش تېمىلىق كۆرگەزمىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئاڭلىغىلى، كۆرگىلى، پۇرىغىلى، تۇتقىلى بولىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، سانسىزلىغان كۆرۈرمەننى جەلپ قىلدى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق سەنئەت يۇرتى، مۇزېي، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىلىنىش شەھەر ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئازادە، ئىللىق مەدەنىيەت يۇرت ماكانى بىلەن تەمىنلىدى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز خامچوتى ئىچىدە 1 مىليارد 226 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت مەركىزى، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇشقا ئىشلەتكەن، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتقان، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەسىدىن يەتتىنى قۇرغان، يېزا - بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، كەنت (مەھەللە) مەدەنىيەت ئۆيى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەرنى كۆچمە مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنلىرى مول، رەڭدار بولدى

بۇ يىل ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركېستىرىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سەييارە ئويۇن قويۇش ئەترىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇما يېزىسى يۇقارقى چىگەتۇغ كەنتىگە كەلدى. خەلق مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاش، ناخشا - ئۇسسۇل، سېرك قاتارلىق نومۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەيدان ئېسىل ئويۇن نەق مەيداندىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋە كەنت ئاھالىلىرىدىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشىگە شادلىق مىنۇتلىرى ئېلىپ كەلدى.

بۇ يىل 7 - ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى، ئوپېرا ئۆمىكى، دىراما ئۆمىكى، مۇقام ئانسامبىلى، سېرك ئۆمىكى، نەيلىك - تارلىق ئوركېستىر، مىللىي ئوركېستىردىن تەشكىللەنگەن توققۇز ئەدەبىيات - سەنئەت كىچىك ئەترىتى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناخشا - مۇزىكا، ئۇسسۇل، دىراما، ئېتۇت، سېرك، سېھىرگەرلىك، ساز چېلىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق ئامما ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىنى ئىشىك ئالدىدا كاتتا مەدەنىيەت ئوزۇقىدىن بەھرىمەن قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى يەنە تولۇپ تاشقان سەنئەت ئىجادىيەت كۈچىنى نامايان قىلدى. چېگرا ھالقىغان جىڭجۈ تىياتىرى «دۆلەت ئۇسلۇبىدىكى مۇڭلۇق رىتىم − جۇڭخۇاغا مەدھىيە»دە جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ گۈزەللىكى زامانىۋى سەنئەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى؛ مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «گۈزەل يۇرت - ماكان» قايتا ئورۇنلىنىپ، كىلاسسىك سېھرىي كۈچ قايتا نامايان قىلىندى؛ چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك دىراما «كوئېنلۇندا ئۇچرىشىش» چۈش كەبى كۆرۈش كاتتا زىياپىتى ھازىرلاپ بەردى... ھەربىر نادىر سەنئەت ئەسىرىنىڭ قويۇلۇشى ھەر مىللەت تاماشىبىنلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمەكلىرى ھەر يىلى سىجىل قانات يايدۇرغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئارتىسلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئويۇن قويۇش مول، رەڭدار مەدەنىيەت نومۇرلىرىنى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى تۇرمۇشتا يىلتىز تارتىپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، قېتىرقىنىپ ئىجاد قىلىپ، كوچا - مەھەللە، يېزا - كەنت، ئېتىز - ئېرىقلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت ئويۇنلىرىنى ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا مول مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىدى.

ئاممىۋى مەدەنىيەت پاراۋانلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇندى

2019 - يىلى 12 - ئايدا، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ۋېنخۇي كارتىسى دەپ ئاتالدى) يولغا قويۇلغان بولۇپ، 100 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە «قانچىلىك قاچىلىسا شۇنچىلىك تولۇقلاش» ۋە 200 يۈەن قاچىلىسا مالىيەدىن 300 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل كارتا بېجىرىش ئەندىزىسى قوللىنىلدى. ۋېنخۇي كارتىسى 2017 - يىلى 6 - ئايدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش ئورۇنلار ئەڭ دەسلەپتىكى ئوندىن ھازىرقى 60قا كېڭەيدى، ئىشلىتىش دائىرىسى ئەڭ دەسلەپتىكى يەككە ئويۇن بېلىتى سېتىۋېلىشتىن ھازىرقى تىياتىر كۆرۈش، كىتاب سېتىۋېلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، سۇ ئۈزۈش، چاڭغا تېيىلىش قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئىستېمالىغا كېڭەيدى.

ئاممىنى ئاز پۇل خەجلىسىلا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ۋېنخۇي كارتىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەسلىي مەقسىتى. ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقىي ياردەم تولۇقلىمىسى، كارتا بېجىرىش ۋە ئىستېمال قىلىشنىڭ قولايلىق بولۇشى، ئىستېمال مەزمۇنىنىڭ كېڭىيىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋېنخۇي كارتىسىنى بارغانسېرى كۆپ ئىشلەتكۈچىگە ئىگە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوخشىمىغان تىپتىكى ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق قاتنىشىدىغان، ئورتاق يارىتىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ پائال ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەزمۇنىغا ئايلاندى.

بۇرچىن ناھىيەسىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىدە، زال ئىچىدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا ياشلار چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەنىدى؛ مەركەزنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى ئۇسسۇل ئۆيىدە، مەيدان ئۇسسۇلى ھەۋەسكارلىرى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. «بۇ يەردە پەي توپ، تىكتاك توپ قاتارلىق ئۆي ئىچى توپ تۈرىدىكى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن كۆڭلىمىز بەك خۇشال» دېدى بۇرچىن بازىرىنىڭ ئاھالىسى پاراسەت مۇراتبېك. «مەركەز پۇقرالارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپلا قالماي، يەنە كەسپىي ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى سەپلەپ يېتەكچىلىك قىلدى، كۆپچىلىك بۇ يەردە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدى» دېدى مەيدان ئۇسسۇلى ھەۋەسكارى چېڭ شيۇيىڭ.

شىخو شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەشىق ئۆيىدە، موڭغۇللارنىڭ ئۇزۇن كۈي ۋارىسى بۇرېن تېگىس كۇرسانتلارغا ئۇزۇن كۈي چېلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىۋاتاتتى. بۇ جاي ئاممىنى ئۇسسۇل، ناخشا - مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق ئون پائالىيەت سورۇنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە مەخسۇس بىر ئېغىز جىڭجۈ تىياتىرى ئويناش مەشىق ئۆيى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى