تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر لى شۈەنبىن

تىجارەت - سودا مۇھىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدۇر، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلغانلىق، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغانلىق. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدى.

بەش يىلدىن بۇيان، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئازايدى، باج - ھەق يېنىكلىدى... ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ساپ ھاۋاغا ئوخشاش بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىش

كىملىكىنى يېنىك سۈركەپ، تىجارەت كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئادەمنىڭ چىرايىنى سىكاننېرلاپ پەرقلەندۈرسە، ماشىنا كىنىشكىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، پۈتكۈل جەريانغا پەقەت بىر مىنۇتلا كېتىدۇ!

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كەسىپ زالىدا، تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەمدىلا ئالغان شىنجاڭ خەلقئارا جىدى ئۆي - زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لىجيې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تېخى تۈنۈگۈنلا توردا ئىلتىماس سۇنغانىدىم، بۈگۈن تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىپ بولدۇم، ھازىر ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن!»

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى 100 تۈرلۈك «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى، 50 تۈردىكى سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۆت تۈردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىجازەتنامە بېرىلىدىغان كارخانىلارغا قارىتا «ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېجىرىش، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»نى يولغا قويدى، رايون ئىچىدە ئادەتتىكى كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى 30 نەچچە خىزمەت كۈنىدىن ھازىرقى تۆت خىزمەت كۈنىگە قىسقاردى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە «بىر جەدۋەلدە ئىلتىماس قىلىش، بىر قېتىمدا دەلىللەش، بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش» خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا پايدىلىق، خەلققە قولايلىق كۆزنەكلەرنى ئېچىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەش، بارلىق توساقلارنى تۈگىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

ئەگەر «بىر توردا ھەممىنى بېجىرىش» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى «بىر ئىشىك»نى ئاچتى دېيىلسە، ئۇنداقتا، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بۇ ئىشىكنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى «بىر قېتىممۇ قاتراتماسلىق» قاتارلىق مۇلازىمەت ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھسۇلات بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئىجازەتنامىلىرىنى ئىخچاملاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش دائىرىسىنى تارايتىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇددىتىنى قىسقارتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئەڭ زور چەكتە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بېسىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تامغا، مېڭىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تەرتىپ ئۆتمۈشكە ئايلاندى. بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى تېخىمۇ ئازادە، قولايلىق بازار ئىجازىتى مۇھىتى ياراتتى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى «باغلاق بوشىتىلىپ» «توسالغۇلار تۈگىتىلىپ»، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلدى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش ھالىتى شەكىللەندى. 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىنغان بازار سۇبيېكتى 2 مىليون 3000غا يېتىپ، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %79.9 ئاشتى.

نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش

ئىشىكتىن بىر قېتىم كىرىپ كۆپ ئىشنى تەكشۈرۈش

10 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، سودا نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، يېپيېڭى تەكشۈرۈش ئەندىزىسى كارخانىلارنىڭ بەس - بەستە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«<ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش> بويىچە تەكشۈرۈشتە، قائىدە ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، تۈرلۈك تەرتىپ ۋە نەتىجىلەر ئوچۇق - ئاشكارا بولۇپ، بىزگە <خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى> يېگۈزدى. بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆپ تەرەپتىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىر قېتىمدا تەكشۈرۈپ تاماملىسا، كارخانىنىڭ نورمال تىجارىتى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، بىزنىڭچە، بۇ بەك ياخشى بولدى» دېدى شىنجاڭ يىفېڭ شېنچى ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دياۋ يۈخې.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، 19 ئەزا ئورۇن ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئىشىكتىن بىر قېتىم كىرىش، كۆپ ئىشنى تەكشۈرۈش» كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئىلگىرىكى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا ساقلانغان ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا خەلقنى پاراكەندە قىلىش، قانۇننى خالىغانچە ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت، تەدبىرلەرگە چېتىلىدىغان يەرلىك قورۇقچىلىق، سودىنى بېكىتىپ بېرىش، بازار توسۇقى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەرتىپكە سالدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قېلىپلاشقان ھۆججەت ۋە ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىردىن جەمئىي 200 مىڭدىن كۆپرەكى كۆرۈپ چىقىلىپ، ئادىل رىقابەتنى چەكلەيدىغان سىياسەت، تەدبىردىن 77سى تۈزىتىلىپ ۋە بىكار قىلىنىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىشى، رىقابەتكە ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشى ئۈچۈن ياخشى تۈزۈم مۇھىتى يارىتىلدى.

«بۇ يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە بىكار قىلىش خىزمىتى كارخانىمىزنىڭ يۈكىنى كۆپ يېنىكلەتتى، ئىلگىرى بەزى كەسىپلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن بىرمۇنچە ماتېرىيال يوللاشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر ناھايىتى ئاددىيلاشتى، مۇھىت تېخىمۇ ئازادىلەشتى» دېدى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى سىستېما كاپالەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈ چۈنلياڭ.

تور بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە بازار باھا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى يولغا قويۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش «تۆمۈر مۇشت» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش... بىر قاتار «كۈچلۈك يادرولۇق» تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىشىدىغان، تەرتىپلىك بولغان زامانىۋى بازار تەرتىپىنى ئورنىتىپ بەردى.

كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ يۆلەش

بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

بازار سۇبيېكتلىرى ئىقتىسادنىڭ كۈچ ۋاسىتىسى، بازار سۇبيېكتلىرىنى ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقاندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، «شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ <13 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى» «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، چىقىرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بولغان سىياسەت مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.

بۇلتۇر 10 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يەنە بىر قېتىم كۈچەپ، «تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش»قا ئائىت 30 تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كارخانا، ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاس كۈچلۈك بولۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىسى مەسىلىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن زەربىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى 16 تۈرلۈك تەدبىر» قاتارلىق بىر قاتار قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە تەشكىللەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ بازار سۇبيېكتلىرى سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، بازار ئۆزگىرىشىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، بوران - چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ كۈچەيتتى.

مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، شىنجاڭ دېچۇاڭ سانائەت كونترول تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەش شۆيۈەنى تۈرى بىر مەھەل توختاپ قالغانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل بۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، بانكىنىڭ 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىغا ئېرىشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. «نۆۋەتتە، شۆيۈەن ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلۇپ بولدى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى يەن جېنخۇا خۇشال ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ