تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر شۆبە ئۆمىكى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر شۆبە ئۆمىكى شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قاراماي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ شىنجاڭ داشۆدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بەرگەندە، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق مىساللار ۋە تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جانلىق چۈشەندۈردى، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ بايان قىلدى.

شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، دوتسېنت سۈن جىڭبىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ۋە چۈشىنىشلىك بايان قىلدى، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلىدى، «14 - بەش يىل»دىكى گۈزەل ئىستىقبالنى سۈرەتلەپ بەردى.

«ئومۇمىي يىغىندا يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنىڭ يۇقىرى ساپالىق <ھۈنەرۋەن ئۇستازلار>نى يېتىشتۈرۈشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش تارماق شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنيۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەسپىي مائارىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زىچ باغلانغان، ئالىي كەسپىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش بىزنىڭ نىشانىمىز ۋە ۋەزىپىمىز. بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر كەسپىي مائارىپىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەھىپىسىنى پۈتىمىز.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قاھار ئالىم مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى تەربىيەلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى