تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئىچكىرىدىكى كۆپ شەھەرلەردە مەخسۇس پۇكەي تەسىس قىلىندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ شۇاڭ، خۇاڭ ۋەنلى، پېي خۇيمىن، خۇاڭ ۋەنلى خەۋىرى، فوتوسى): خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، كورلا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تىجارەت تاللا بازىرى ۋە «تىيانشان مېھرى» شىنجاڭ ئۆزگىچە ئاشخانىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدە رەسمىي تىجارەت باشلىدى، بۇ «ئۇچۇپ كەلگەن» كورلىنىڭ يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرى ئاشپەزلەرنىڭ تەييارلىشى بىلەن، شىجياجۇاڭ شەھىرى ئاھالىلىرىگە ئىشىكى ئالدىدىلا ئەسلى تەمدىكى شىنجاڭچە تەمنى تېتىتقۇزدى.

كورلا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تىجارەت تاللا بازىرى ۋە «تىيانشان مېھرى» شىنجاڭ ئۆزگىچە ئاشخانىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدە رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

70 نەچچە ياشلىق شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىسى لى جۈنجى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭغا ئالاھىدە مېھرى بار ئىدى. ئۇ شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ كورلا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تىجارەت تاللا بازىرى ۋە «تىيانشان مېھرى» شىنجاڭ ئۆزگىچە ئاشخانىسى ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ، خوتۇنى بىلەن ئەتىگەندىلا يېتىپ كەلدى. «ھەممىسى كونا تەم» ئىكەن. لى جۈنجى خوتۇنى بىلەن بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزگىچە ئاشخانىغا بېرىپ كاۋاپ ۋە سامسا يېمەكچى بولدى. ئىشىك ئالدىدىلا ھەقىقىي شىنجاڭ تائاملىرىنى يېيەلىگەنلىكىدىن، لى جۈنجى ناھايىتى خۇشال بولدى.

كورلا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تىجارەت تاللا بازىرى ۋە «تىيانشان مېھرى» شىنجاڭ ئۆزگىچە ئاشخانىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدە رەسمىي تىجارەت باشلىدى، شەھەر ئاھالىلىرى مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالدى.

كورلا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تىجارەت تاللا بازىرى ۋە «تىيانشان مېھىرى» شىنجاڭ ئۆزگىچە ئاشخانىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پائال ئالاقىلىشىشى، ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىجياجۇاڭ ياتەي مېھمانسارىيى تىجارەتنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىچكىرى رايونلاردىكى شەھەرلەردە يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تىجارەت تاللا بازىرى ئېچىش، كورلىنىڭ تۇنجى ئىجادىيىتى ھېسابلانمايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلارمۇ نەنجىڭ، بېيجىڭ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردا خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ياكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس پۇكىيى ئاچقان.

 كورلا يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تىجارەت تاللا بازىرى ۋە «تىيانشان مېھرى» شىنجاڭ ئۆزگىچە ئاشخانىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىدە رەسمىي تىجارەت باشلىدى، شەھەر ئاھالىلىرى مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالدى.

2019-يىلى، بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى بېيجىڭ شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىكتە «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس رايونى» ۋە «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس پۇكىيى»نى قوزغاتتى، 100دىن ئارتۇق دۇكان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى ئىشلەپچىقارغان چىلان، ياڭاق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ساتتى.

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، نەنجىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى (شىنجۇاڭ) ئۇيۇشتۇرغان «ئىلى ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى»دە، تىيانشان گۈللىرىدىن چىقىرىلغان قارا ھەرە ھەسىلى، 10 مىڭ مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇستىن ئايرىۋېلىنغان خۇشپۇراق ماي، ئېگىز تاغ يايلىقىدا بېقىلغان كالا-قوي گۆشى... نەنجىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا بۇ ھەقىقىي ئىلىنىڭ «ياخشى مال»ىنى سېتىۋالالايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، «ئىلى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جياڭسۇ ئىستېمال مەخسۇس ھەرىكىتى»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئىلى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاللا بازارلىرىغا كىرىشىگە، بازارلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس سېتىش دۇكىنى، سېتىش مەخسۇس پۇكىيى قاتارلىقلاردىن 30دىن ئارتۇقىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ «ئىلى تەمى»نى جياڭسۇ بازىرىغا كىرگۈزۈپ، ھەم ئىلى دېھقانلىرىنىڭ «ھەميان»ىنى تومپايتىپ، ھەم جياڭسۇ ئىستېمالچىلىرىنىڭ «كۆك-تاق»ىنى بېيىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى