تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئەمەلىي ئىشلەش كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر شۆبە ئۆمىكى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 25 -، 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر شۆبە ئۆمىكى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، ئىلى سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ تۆمۈر يول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى پەرىدە تۇرسۇن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەردىن تارتىپ 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش كەلگۈسى نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئاساسىي نىشانى قاتارلىق جەھەتلەردىن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بايان قىلدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

«لېكسىيە دوكلاتى يىغىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولدى، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلدى، لېكسىيە ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې پىڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاشتا ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى تۇتىدۇ؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەكتەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى لېكسىيە دوكلاتى يىغىنى نەق مەيدانىدا، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گاۋ جىگاڭنىڭ نەزەرىيەسى پۇختا، مەزمۇنى مول بولغان لېكسىيە دوكلاتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مول ھاسىلاتقا ئېرىشتۈردى، روھلاندۇردى. «لېكسىيەنى ئاڭلاپ، قەلبىم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدى.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 1 - كىلىنىكىلىق تېببىي شۆيۈەنىنىڭ كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا كەسپى 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى نادىرە نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە 2035 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مېدىتسىنا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆز ماھارىتىمنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلام سەھىيە داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ياشلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇڭ يېجياڭ لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى ئوقۇتۇشىغا ۋاقتىدا سىڭدۈرۈپ، «تولۇق خادىملىق ئادەم تەربىيەلەش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش» خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىلتىز تارتىپ روھىنى تاۋلىشىغا ياردەم بېرىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ جانلىق، ئەمەلىي لېكسىيەسى كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئىشلەش غەيرىتىنى ئاشۇردى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى بەرپا قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى