تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بوپىنى كۆتۈرۈپلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، بېيىش كەسپى ئۈستىدە ئىزدىنىش

خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد يېڭى رايونى شاتيەن مەھەللىسىدە:

بوپىنى كۆتۈرۈپلا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ، بېيىش كەسپى ئۈستىدە ئىزدىنىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«مېنىڭ يېڭى ئۆيۈم بىنادا، تۇرالغۇ شارائىتىم ناھايىتى ياخشى، يەنە دوختۇرخانىغا، مەكتەپكە يېقىن، يېڭى خىزمىتىممۇ بار بولدى» دېدى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد يېڭى رايونى شاتيەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى تۇنىيازخان مەخمۇت كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

خوتەن ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى قۇرغاق، سۇ ئىنتايىن كەمچىل. «بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى باقالماسلىق»تەك قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، خوتەن ناھىيەسى تاغنىڭ ئىچكىرىسى، قۇملۇقنىڭ كىندىك رايونىدا ئولتۇراقلاشقان نامرات ئاممىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇردى، يېقىن ئەتراپتىكى 12 يېزا - بازاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 468 نامرات ئائىلىدىكى 2261 كىشى نامرات كەپە بىلەن خوشلىشىپ، ھاللىق تۇرمۇشقا قاراپ دادىل قەدەم تاشلىدى.

يېڭى ئۆينىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق

شاتيەن مەھەللىسىنى ئايلانغاندا، 20 ئەمىن ئۆي بىناسىنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، سېمونت يولنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ كۆكەرتىش ئورمان بەلبېغى ۋە چىملىق بىلەن قاپلانغانلىقىنى، مەھەللىگە سەپلەنگەن دوختۇرخانا، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، سودا كوچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۇنسا مۇتەللىپنىڭ يېڭى ئۆيى 80 نەچچە كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۈچ ھۇجرىلىق، بىر مېھمانخانىلىق ئۆي ئىدى. «ئۆيدە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى تولۇق، يەنە تام ئوچاقمۇ بار.» 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرى بوپىنى كۆتۈرۈپلا كۆچۈپ كىرگەن چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، تۇنسا يەنىلا ھاياجېنىنى باسالمىدى.

«نامرات كەپىدىن كۆچۈرۈش» خوتەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى قەدىمى.

كۆچۈشتىن بۇرۇن، تۇنسا ئائىلىسىدىكىلەر تەۋەككۈل يېزىسىنىڭ قوشنۇر كەنتىدە تۇراتتى، ئائىلىسىنىڭ يېرى ئاز، تۇرالغۇ شارائىتى ئاددىي ئىدى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، تۇنسا ئائىلىسى تاللا بازىرى ئاچتى، تۇنسا يەنە تاللا بازىرىدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئاجرىتىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە كىيىم تىكىپ بەردى. «تاللا بازىرى ئاچىمەن، تىككۈچىلىك قىلىمەن، ھازىر ئائىلىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى 7000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ» دېدى تۇنسا مەمنۇنلۇق بىلەن.

شاتيەن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن دېفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ناھىيە مەھەللىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا سۇ، توك، يول، تور قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى قولايلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

خىزمەت ئىشىك ئالدىدىلا

قول بىلەن ئەينەكنى بېسىپ تۇرۇپ، ئەينەك پىچىقى بىلەن سىزغۇچنىڭ گىرۋىكىدىن بويلاپ كېسىش... ئابلەت ئوبۇلھەسەن بىر پارچە چوڭ ھەم پۈتۈن ئەينەكنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن كېسىپ، نۇرغۇن كىچىك پارچىگە بۆلدى.

«قاراڭ، پارچە - پۇراتلىرى ناھايىتى ئاز چىقىدۇ» دېدى بىر چەتتە تۇرغان ئەينەك زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۇڭپىڭ ماختاپ.

26 ياشلىق ئابلەت خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى ئەسلىكەنت كەنتىدىن كۆچۈپ كەلگەن. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلە بويىچە شاتيەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد يېڭى رايونى كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى ئەينەك زاۋۇتىدا ئىشلىدى، ئايلىق مائاشى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

«قولدا كېسىش، ماشىنىدا كېسىشنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، پارچە - پۇراتلىرى قانچە ئاز چىقسا، مائاش شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، 9 - ئايدا 5000 يۈەن مائاش ئالدىم» دېدى ئابلەت پەخىرلەنگەن ھالدا.

شاتيەن مەھەللىسى جايلاشقان خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد يېڭى رايونى كەسىپلەر باغچە رايونىدا يېمەكلىك پىششىقلاش، چارۋا باقمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق 70 نەچچە كارخانا بار بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى «كوللېكتىپقا سىڭىشىش، بېيىش تەدبىرى بولۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شاتيەن مەھەللىسى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش، تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش سېخى كىرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆچۈرگەندىن كېيىنكى يۆلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى.

«نۆۋەتتە، شاتيەن مەھەللىسىدە بىر ئائىلىدىن ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» چېن دېفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شاتيەن مەھەللىسىدىكى باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئائىلىلەرنىڭ كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇشى، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشى، بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

بېيىش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچىيىش

ناھىيە بازىرىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقنىڭ كىندىك رايونىدىن زامانىۋى ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئابدۇقادىر ئەلى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، غەيرىتى تولۇپ تاشتى. «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشەلىشىم نەدە تۇرۇپتۇ!»

شاتيەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، «يەر تېراي دېسەم دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئېغىر كۆردۈم، ھۈنەر ئۆگىنەي دېسەم قىيىن ھېس قىلدىم» دېدى ئابدۇقادىر يۇشۇرماي، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ياردىمى ۋە نەسىھەت قىلىشى بىلەن، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە ئاياغ زاۋۇتىغا بېرىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۈچ ئاي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى.

«بىزنىڭ مائاشىمىز ئىشقا قاراپ ھېسابلىنىدۇ، قانچە كۆپ ئىشلىسەك، مائاشىمىز شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەر ئايدا ئىككىمىز 4500 يۈەن مائاش ئالالايمىز.» ئابدۇقادىرنىڭ دېيىشىچە، ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپتۇ.

ئابدۇقادىرغا ئوخشاش، كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغان ئاھالىلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلار بىللە تۇرىدۇ، ئۆزئارا بەسلىشىدۇ، ئۆگىنىدۇ، يېتىشىۋالىدۇ، ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ بېيىش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

چېن دېفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شاتيەن مەھەللىسى كۆچۈرۈلگەن كەنت ئاھالىلىرىنى قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ، پەرقلىق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىدى. كارخانا، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ھەربىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى دۇكانلاردىن پايدىلىنىپ 60 دۇكان تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە دۇكاننى كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەر ئىجارىگە ئېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، يەنە 19 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى. 2019 - يىلى مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 8907.93 يۈەنگە، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىم 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى