تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرايلى، ياخشى قوغدايلى، ياخشى راۋاجلاندۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئەمگەكچىلەرنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، شان - شەرەپتىن بەھرىمەن قىلىش ئەمگەك ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ بەختلىك ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشنىڭ پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى ئىكەنلىكىنى، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جان - دىل بىلەن كەڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەش دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تۈپ تەلىپى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقىچە، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتى، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىدە بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقىچە، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدى، شۇنداقلا ئىجتىھات بىلەن ئىش قىلىش، ئىجتىھاتلىق ئادەم بولۇش، ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلىپ بېيىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممىتى بىلەن ئەمگەك قىلىشى، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە داۋاملىق جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىيەلەيدۇ.

يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشتا، بولۇپمۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلاپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئورتاق بېيىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى، توردا زاكاز ئالىدىغان ئىشچىلار، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، مۇلازىمەتنى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ يېقىن قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش، كىشىلەر قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش كېرەك.

ئەمگەكچىلەرنى قوغداش، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش تۈزۈم - مېخانىزم كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پارتىيە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھوقۇق قوغداش مۇلازىمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ئورتاق قاتناشقان كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەك قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى قانۇن ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنى ئاساسىي شەكىل قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زاۋۇت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەرەققىياتقا قاتنىشىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرگەندىلا، جەزمەن دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك - ئىجاد قىلىشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

دۆلەت قۇرۇلۇشى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىمۇ پۈتكۈل خەلقنىڭ نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش جەريانى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كاپالەتكە، تېخىمۇ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە قىلساقلا، بىز چوقۇم پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىيالايمىز، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى