تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى بەش يىلدا 200گە يېقىن ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ خەيلاڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ لې ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئىلگىرىكىدىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئويغىتىش يۇلتۇزى (ئۈرۈمچى) يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىركەت سەنيا، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىدۇ، تور بىخەتەرلىكى ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن بۇ تور شىركىتىنىڭ تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋاسىتىسى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋاسىتىسىدىن 199 (دۆلەت دەرىجىلىكى 48)نى قۇرۇپ چىقتى، بۇ «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن %142 ئاشتى. بۇ يىل تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېتىشتۈرگەن كارخانا (يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى) 5048گە يېتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە 24 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى قوبۇل قىلدى.

«كوللېكتىپىمىزنىڭ كۆلىمى تۆت كىشىدىن تەرەققىي قىلىپ 20 نەچچە كىشىگە يەتتى، كارخانىمىز بۇ يىل يەنە دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىسى، دەپ بېكىتىلدى. بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ ھەربىر قەدىمى يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى ياڭ لې.

خەيلاڭ شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن يېتىشتۈرۈشتىن چىققان كارخانىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بەش يىل مابەينىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، شېنجېن بىلەن بىرلىكتە «يىپەك يولى» رايون ھالقىغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى (باشقا جايدا يېتىشتۈرۈش، سىرتقا يۈزلەنگەن يېتىشتۈرۈش بازىسى) ئىتتىپاقىنى ئورتاق تەشكىللەپ قۇرۇپ، سىياسەت زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، مۇلازىمەت زەنجىرىدىن ئىبارەت «ئالتە زەنجىر» بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «خۇڭسەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانى»نى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن يېتىشتۈرۈش، باشقا جايدا يېتىشتۈرۈش بازىسىنى ئۆزئارا تەسىس قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ، تەشكىللەش ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇش، ۋاسىتە ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇش، مېخانىزم ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇش، تېخنىكا ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇش ۋە بازار ئارقىلىق ئورتاق قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن تاشقى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سۇپىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەي جىباۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ھۆكۈمەت يېتەكچى، بازار يۆنىلىش، كارخانا ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئاساسىي گەۋدە، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلار ئاساسىي كۈچ، تۈزۈم كاپالەت قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش گۇرۇھى ۋە ئۈرۈمچى تېخنىكا - سودا بىرژىسى (بازىرى)نى تەشكىللەپ قۇرۇپ، رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى