تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تىرىكى كۈچەيتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

مالىيە دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم تۈۋرۈكى، باج ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسى ھەم كاپالىتى، پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ قېنى. بۇ ئۈچى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ تىرىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مالىيەنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈم ئېففېكتى كۆرۈنەرلىك بولدى

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ يەتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 15 مىڭ 300 نامرات نوپوس «خاتىرجەم سۇ» ئىچەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات نوپۇس قىرتاق، تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۈزۈل - كېسىل خوشلاشتى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەمەلىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 1 مىليارد 451 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ غەملىدى، مەركەز خامچوت سېلىنمىسى، بىڭتۇەن نەپكە ئېرىشىدىغان سۇ تەقسىملەش مىقدارى بويىچە قۇرۇلۇش مەبلىغى غەملەش، يەرلىك ھۆكۈمەت زايوم مەبلىغى، مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى غەملەش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، مەبلەغ يوچۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ئادىل ئىجازەتلىك كىرگۈزۈش ۋە پەرقلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ كۆلىمى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەشكە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، رىقابەت مۇۋاپىق بولغان، خەۋپ - خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلەتتى.

ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە PPP(ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىقى) تۈر ئامبىرىدىكى تۈر جەمئىي 385، بۇ تۈرلەرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 580 مىليارد 400 مىليون يۈەن، بۇ، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا قاتنىشى، يېزا مائارىپى، يېزا ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.

2016 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا نىشانلىق خىراجەت ياردەم پۇل مەبلىغىدىن 406 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئاجىز رايونلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى(تور نۇقتىسى)دىن 93 (قېتىم)نى قوللىدى؛ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل ياردەم تولۇقلىمىسىدىن 420 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلىغا تۈرتكە بولدى؛ مالىيەدىن پۇقراۋى ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قوللاش ئۈچۈن 100 مىليون يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

مالىيە سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا ھەققى كۆلىمى تېز ئېشىپ، سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىدە بىرقەدەر تېز ئېشىش كۆرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەكشى، مۇقىم تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش كارخانىلارغا دەل جايىدا نەپ يەتكۈزدى

مالىيە، باج رايون ئىقتىسادىنىڭ «بارومېتىرى»، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «تۈرتكۈچى».

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان باج - ھەق ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، مىليونلىغان كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش غەيرىتى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

«دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى» «جۇڭگو نېفىت - خىمىيە ساھەسىدىكى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى بويىچە باشلامچى بولۇشتىكى ئۈلگىلىك كارخانا»... شىركەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقا - ئارقىدىن ئېرىشكەن شەرەپلىرى تىلغا ئېلىنغاندا، شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە مەسئۇلى جاڭ چىڭخۇا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى شىركەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتىكى سېلىنمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ جايىدا قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» 2014 - يىلىدىن بۇيان، بۇ شىركەت جەمئىي 98 مىليون 253 مىڭ يۈەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىشتىن، 14 مىليون 738 مىڭ يۈەن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولدى.

جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ «ئاقىل ياسىمىچىلىق» يولى شىنجاڭ باج تارماقلىرىنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

2019 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تېخىمۇ زور كۆلەمدە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويدى، شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرى باج - ھەق سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان باج - ھەق 24 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2014 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرى قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۈچنى يېرىم كېمەيتىش» ۋە قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدا «بەشنى كەچۈرۈم قىلىش»، خەلقئارا چوڭ بازار تۈرىدە قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئۆزىگە خاس ئالاھىدە باج سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىي 40 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باجنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى.

«<13 - بەش يىل> مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرى <قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى توپلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باج سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى كارخانىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى.» شىنجاڭ باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ پۇختا تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى».

پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا «كۈچ بەردى»

ئۈرۈمچى شەھىرى بەينياۋخۇ كۆلى 2 - نومۇرلۇق تۆپىلىككە جايلاشقان ئامېرون خىيالى باغچىسىدا 100دىن ئارتۇق كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يىپەك يولى باش تېما قىلىنغان توققۇز چوڭ تۈر دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇلتۇر 6 - ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بۇ تۈرگە 400 مىليون يۈەن قەرز پۇل بەردى، بۇ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ تەخمىنەن %26.6ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ جىنماۋ يىپەك يولى شادلىق باغچىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شياۋ چۇنلېي مۇنداق دېدى: قەرز پۇلنىڭ قوللىشىدا، تۈرنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، نۆۋەتتە، شادلىق باغچىسىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شەكلى جەھەتتە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى يېڭىلىق يارىتىپ، مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش، بانكىلار ئارا قەرز، مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، بېلەت كىرىمىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، ئورمان ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىچىلىكى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كىرېدىت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە رەنىگە قويۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى پائال ھەل قىلدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پەرقلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى ۋە سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشى، ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. 2020 - يىلىنىڭ بېشىغىچە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 3 تىرىليون 30 مىليارد يۈەن، خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 50 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2016 - يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن %62.9 ۋە %49.6 ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %13.0 ۋە %10.6 ئاشتى.

2016 - يىلىدىن 2020 - يىلى 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كاپىتال بازىرى ئارقىلىق جەمئىي 281 مىليارد 53 مىليون يۈەن بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى