تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جاڭ بىنبىن

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى لۈشۇي كەنتىدىكى 3000 مودىن ئارتۇق ئالمىلىق ۋە ياڭاقلىق ناھىيە يولىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقانىدى. كەنت ئاھالىسى شەمشىقەمەر توختى ئائىلىسى ئۆستۈرگەن بىڭتاڭشىن ئالمىلار ئېتىز - ئېرىقلارغىچە بىۋاسىتە تۇتاشقان «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» ئارقىلىق يېزا - كەنتلەردىن چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا سېتىلدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە %100 يېزا - بازار ۋە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» خۇددى ئالتۇن سىم، كۈمۈش يىپقا ئوخشاش، بىر ئۇچى ئېتىز - ئېرىقلارغا، بىر ئۇچى كەڭ بازارلارغا تۇتىشىپ، يېزا بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى بېيىتتى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ياكى بۇ تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى. تۈرلەرنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان قىياپەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا تېز ئىلگىرىلىدى.

ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى تەرەققىيات تىرىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

2019 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، خوتەن - قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى. گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۇلايمان مەخمۇتنىڭ ئىشلىرى بۇنىڭ بىلەن يۈرۈشۈپ كەتتى. ئۇ كەنتتىكى ئون نەچچە ئادەمنى تەشكىللەپ، قوي - كالا سېتىۋېلىپ گۇما ناھىيە بازىرى ھەمدە تېخىمۇ يىراقتىكى خوتەن شەھىرى، قاغىلىق ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سودا قىلدى، كىرىمى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيدى.

خوتەن - قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىن سىرتقا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تۇنجى قېتىم يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلەتتى، يەكەن دەرياسى، چەرچەن دەرياسى قاتارلىق نۇقتىلىق دەريا - ئېقىنلاردا تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى قۇردى، قارابەل سۇچىلىق تۈگۈنى، جىيىن سۇ ئامبىرى قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويدى. نۇقتىلىق دەريا - ئېقىنلاردىكى خەتەرلىك ئىش ئورنى، خەتەرلىك بۆلەكلەرنى تۈزەش ۋە ئوتتۇرا، كىچىك دەريا - ئېقىنلارنى تۈزەش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، بىر تۈركۈم چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى خەتەرلىك توما ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىش - پۇختىلاش قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن ئۆتۈش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلدى.

زامانىۋى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار ئىلگىرى - كېيىن پۈتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.

4G تورى شەھەر، يېزىلارنى قاپلىدى، 5G قۇرۇلۇشى مۇقىم قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، ئەڭ يىراقتىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارمۇ سىن ئارقىلىق دۇنيادىكى خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدى... بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئەڭ چەتتىكى يېزا - كەنتلەرمۇ ئۇچۇر يېگانە ئارىلىلىق ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىيات چوڭ دولقۇنىغا قوشۇلدى.

ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇندى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى

ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە بىر يىل توشقاندا، شىنجاڭنىڭ 50 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توكى ئىچكىرى رايونلارغا يەتكۈزۈلدى!

بۇ يىل 9 - ئايدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، شەرقىي جۇڭغار − ئەنخۇي ۋەننەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى يەتكۈزۈشكە بولىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 192 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى، بۇ، 60 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر كۆيدۈرگەنگە باراۋەر. شەرقىي جۇڭغار − ۋەننەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىنجاڭنىڭ ئوت ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈپ سىرتقا يەتكۈزۈشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تەقسىملەشنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى ھەم ھازىرقى مۇقىم ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ھەم يىراق كەلگۈسى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى مىسالغا ئالساق، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىغا جەمئىي 71 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، شىنجاڭنىڭ يانداش ئېلېكتىر مەنبەسىگە تۈرتكە بولۇشقا 216 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، شىنجاڭ ئېلېكتىر كەسپىگە 287 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ، شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىدىكى نىسبىتىدە %12.4نى ئىگىلەپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %4.56كە يەتكەن.

«تۈرنى تۇتقانلىق مۇقىم ئاشۇرغانلىق، پۇرسەتنى تۇتقانلىق، كەلگۈسىنى پىلانلىغانلىق.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر لى رېن مۇنداق دېدى: ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش مۇقىم ئاشۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش جەھەتتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا. ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشتە، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى «مۇھىم تۇتقا» بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم تۈرتكىلىك رولغا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭ جەمئىي 390 نۇقتىلىق تۈرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى مۇھىم نۇقتا قىلدى، ئاساسلىقى سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي سېلىنما 1 تىرىليون 678 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، 260 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك سېلىنمىنى تاماملاش پىلانلاندى.

زور جاسارەت، زور پىلان، زور تەرەققىيات. بۈگۈنكى تۈر سېلىنمىسى ئەتىكى ئۈنۈم ھاسىلاتى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

ئاچقۇچلۇق ھالقىلار نىشانلاندى خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئاشۇرۇلدى

غىياسىدىن ئۆمەرنىڭ گۈزەل بىر كۈنى تەبىئىي گاز ئىشلىتىشتىن باشلاندى.

تاماق ئېتىش، يۇيۇنۇش، ئىسسىنىش، ئاپتوموبىل يېقىلغۇسى... ھەممىسىدە تەبىئىي گازغا تايىنىدۇ. قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ شەھەر ئاھالىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشكەن 4 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ بىرى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، پونكىت مەيدانى كىلاپان بۆلۈمى، سىرتنى گاز بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، لىنىيە بويىدىكى پۇقرالارنى «ئىس - تۈتەكسىز ئوتۇن» ئېلىپ كەلگەن ئىللىق تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلدى.

بۇ، ئۈمىدكە تولغان بەش يىل −

«شىنجاڭدىكى سەنشيا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالغان يەكەن دەرياسى ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا چۈشۈرگە چۈشۈرۈلۈپ سۇ ساقلىنىپ، يەكەن دەرياسى ئېقىن رايونىدىكى مىڭ يىللىق سۇ ئاپىتى «بويسۇندۇرۇلدى»؛

«ئولتۇرالايدىغان بولۇش»تىن «ياخشى ئولتۇرىدىغان بولۇش»قىچە، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان خەلق رايى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، خەلقنىڭ ئامانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى؛

سۇ ئىچىش قىيىن بولۇشتىن ئىچىدىغان سۇ بولۇشقىچە، سۇ ئېلىش، سۇ توشۇشتىن، تۇرۇبا سۈيىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگىچە... يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنى بىخەتەر سۇ، بەخت سۈيى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛

ئىلگىرىكى كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىش تەدرىجىي ھالدا توك بىلەن ئىسسىنىشقا ئۆزگەردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىدىن ئاممىنىڭ جىسمى ئىللىدى، قەلبى ئىللىدى...

مىقدار جۇغلاشتىن سۈپەتكە قاراپ ھالقىشقىچە؛ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكىچە، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئۇل ئەسلىھەلەر خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. چوڭى داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ تاكامۇللىشىشى، مائارىپ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدىن، كىچىكى بىر تال ئوپتىك تالا، بىر ئېلېكتىر تورىنىڭ ياتقۇزۇلۇشىغىچە، خەلق تۇرمۇشى ئۇل ئەسلىھەلىرى قاپلانغانلىكى جايدا، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى «يورۇتۇلۇپ»، بەختكە ئېرىشىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈمىدكە تىرەك بولدى.

چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق زور تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى، زور تەرەققىيات ئارقىلىق زور خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى، مەبلەغ سېلىش مىقدارى زور، پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھەربىر نۇقتىلىق تۈر شىنجاڭنىڭ يېڭى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىدىغان، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلانماقتا، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى