تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم.» مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ: بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ رىقابىتى، ئەمگەكچىلەر ساپاسىنىڭ رىقابىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساپا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىلىم تىپىدىكى، تېخنىكا تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى زور ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 2017-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى مەزگىلدىكى كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 25 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ، كەسىپ ئىشچىلىرىنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تىرەك بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزمغا چېتىلىپ، كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن. 2018-يىلى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ماھارەت يۆنىلىشىدىن ئىبارەت رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى تېخنىك ئىشچىلار 170 مىليونغا يېقىن بولۇپ، %25نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار 48 مىليونغا يېقىن. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى بىلىم ئۆگىنىش، يېڭى ماھارەت ئىگىلەش، يېڭى قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەندىلا، ئاندىن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

ئەمگەكچىلەرنىڭ بىلىمى ۋە قابىلىيىتى قانچىكى كۆپ جۇغلانسا، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى شۇنچە زورىيىدۇ. كەڭ ئەمگەكچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يىراق كەلگۈسى چوڭ پىلانىدۇر. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «يېڭىلىق يارىتىشچان، ئەمەلىي قوللىنىشچان، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش» تەلەپ قىلىندى. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان، ئىجتىھات بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمىنى بېيىتىش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ساھە، كەسىپلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى بىلىم ۋە تېخنىكا ئىلگىرىلىشىگە زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، تېخنىكا، ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرخىل تىپتىكى كەسپىي مائارىپ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىگە تىرەك بولىدىغان مۇھىم ئاساس بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە.» تېخنىك ئىشچىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى، بولۇپمۇ ياشلارنى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش غەيرىتى، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش شىجائىتى، جۇشقۇنلۇق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش جاسارىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. كەسىپ ئىشچىلىرى ئىشچىلار سىنىپى ئىچىدىكى تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئاساسىي گەۋدىلىك كۈچ، جەمئىيەت بايلىقىنى يارىتىدىغان غوللۇق كۈچ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تايانچ كۈچ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى جانلىق كۈچ. كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئىشچىلىرىنى ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، تۆھپە قوشۇش-نەتىجە يارىتىش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئورنىنى ئۆستۈرۈش، قوشۇننى زورايتىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غايىلىك ۋە ئېتىقادلىق، تېخنىكا بىلىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يېڭى دەۋر كۈرەش داۋامىدا ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان دەۋر. بارلىق ئەمگەكچىلەر ئۆگىنىش، ئىشلەش، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا قىزىقسىلا، ھەقىقىي قابىلىيەت يېتىلدۈرەلەيدۇ، ياخشى تېخنىكا ئىگىلىيەلەيدۇ، شۇندىلا چوقۇم مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، كېمىلەر بەس-بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەن، يەلكەن چىقىرىپ كەسكىن رىقابەتكە چۈشكەن شىددەتلىك ئېقىننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت كىشىلىك ھاياتىدا نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يېڭى مۇساپىسىدە قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ، خىسلىتىنى نامايان قىلالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى