تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خاس كەسىپ زور مىقداردا جۇغلاپ ئاز - ئازدىن ئىشلىتىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جىڭ ناھىيەسى چىرۇي بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئالقات ئىنچىكە پىششىقلاش مەھسۇلات ئاقما لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

«يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلەر تەرەققىيات ئاساسى كۈنسېرى كۈچىيىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق

«شىنجاڭ» ماركىسى بارغانسېرى جۇلالاندى

دەل مۇشۇ پەيتتە، ئاقسۇنىڭ چۈرۈك بىڭتاڭشىن ئالمىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا ئۈزۈلمەي يەتكۈزۈلمەكتە. بۇ ئالمىلار شىنجاڭنىڭ 18 مىليون 560 مىڭ مو (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بېغىدىكى مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىدا پىشقان بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى تاتلىق مېۋە. كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى ئۆرۈكتىن باشلىنىپ، قوغۇن - تاۋۇز، چىلان، نەشپۈت، جىغان، شىنمېي... خىلمۇخىل خاس مېۋىلەر يەنە بىر قېتىم مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىغا لىق تولىدۇ.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان زامانىۋى باغ - ئورمانچىلىق كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسىگە ئايلاندى. جەنۇبىي شىنجاڭدا باغ - ئورمانچىلىقتىن قىلىنغان كىرىم شۇ جايدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى، قىسمەن رايونلاردا ھەتتا يېرىمدىن كۆپرەككە يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە باغ - ئورمانچىلىق مېۋىلىرىنى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىغا سېتىشتىكى «ئىككى تور»نىڭ پائال قۇرۇلۇشى شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى ئۈلۈشىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى.

بەش يىلدىن بۇيان، نەچچە مىليون كىشىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ زور كەسىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن چوڭقۇر ھۆكۈمىنى شەرھلىمەكتە.

يالغۇز باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىلا ئەمەس، بۇ بەش يىلدا زاراڭزا يېغى، ئەتىرگۈل، كۈركۈمگۈل، ئورگانىك كالا - قوي گۆشى، تاتلىق سۇ بېلىقچىلىقى، تۆگە سۈتى قاتارلىق «خاس» مەھسۇلاتلارمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە داڭقى تەدرىجىي ئېشىپ، بازىرىنىڭ كېڭىيىشى چوڭقۇرلۇشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

«شىنجاڭ توقىچى»دىن ئىبارەت قارا تۇلپارنىڭ تۇيۇقسىز مەيدانغا چىقىشىدىن، كۇچا چوڭ نېنىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاشقىچە؛ پەقەت ئۆز جايىدا كۈندىلىك سېتىلىشتىن، توردا ۋە تور سىرتىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىشكىچە؛ كىچىك ناۋايخانىلاردا يېقىلغان يەككە تۈرلەردىن، ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىلغان مول تۈرلەرگىچە... شىنجاڭ نانچىلىق كەسپى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە زورىيىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش تومۇرىنى تەسۋىرلىمەكتە − يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس يېڭى تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى؛ بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ سۈپەتلىك ماركا يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بازىرىنى تىرىشىپ ئاچتى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز سۈپەتلىك ماركا ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرماقتا.

تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

شىنجاڭدا، زۇكام جەۋھىرى ھەممە ئادەم بىلىدىغان مىللىي تېبابەت دورىسى سۈپەتلىك ماركىسىغا ئايلاندى. ئۇنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى بىر مەزگىل مەھسۇلاتنىڭ يەككىلىكى سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى، كېيىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ گۈللىنىش يولىغا ماڭدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان مۇرەككەپ يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش لايىھەسىدىكى خاس مىللىي دورا قىلىپ تاللاندى.

نۆۋەتتە، يىندولەن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ خاس مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنى تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرى بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى كارخانىغا ئايلاندى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ مىللىي تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، 2019 - يىلىغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ خاس مىللىي دورىلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %23لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، شىنجاڭدىكى مەھسۇلات قىممىتى ئەڭ تېز ئاشقان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

قومۇل شەھىرىدە، شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 20 مىڭ توننا تىتان ھەم تىتان قېتىشمىسى ئىشلەپچىقىرىش يېڭى ماتېرىيال تۈرىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى تىتان كانى، بۇلۇت تىتان، تىتان ماتېرىياللىرى، تىتان بۇيۇملىرىنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى جابدۇقلىرى، دېڭىز - ئوكيان قۇرۇلۇشى جابدۇقلىرى ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق پاراخوتلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ئاساسىي ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ئالاقە تورى + ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى - سانجى ۋە قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىنى يادرو، قورغاس، قەشقەر قاتارلىقلارنى مۇھىم تۈگۈن قىلغان «ئىككى يادرو، كۆپ مەركەز» يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سانلىق مەلۇمات بايلىقى بازىسىنى سىجىل بەرپا قىلدى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى «قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نىڭ مۇھىم تىرىكى قىلىپ، يىرىك پىلان بىلەن يېتەكلەش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو تېببىي دورا، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداشنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىيات سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

ئىستىقبالى چەكسىز بولۇش

بىر كەسىپنىڭ گۈللىنىشى ھەممە كەسىپنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولدى

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش بويىچە كوللېكتىپ مەشىق قىلىش ئەترىتىنىڭ شىنجاڭ گۇرۇپپىسى كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ كوللېكتىپ مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك تېخنىكىلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇسابىقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەييارلىنىش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى. 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىلا كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرگە يىغىلغانىدى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگوۋ بازىرى ھەمدە لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىكى پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ لوبەنلىرىمۇ بەس - بەس بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قار تېيىلىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىمۇ باشلاندى.

ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ «13 - بەش يىل»دىن بۇيانقى بىردىنلا گۈللەنگەن كەسپىگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سالمىقىنىڭ زورىيىشى ھەمدە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئىي مەنزىرىسى مول، ئادىمىيەت ئاساسى قويۇق، ئىتتىپاق، مۇقىم شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ياخشى تارىخىي مەزگىلنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، 100 مىليون، 150 مىليون، 200 مىليونغا يەتتى، 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتتە كۈتۈۋالغان ئادەم قېتىم سانى مۇھىم ئۆتكەلنى ئۇدا بۆسۈپ ئۆتتى.

«يىپەك يولى + قار - مۇز ساياھىتى + مىللىي ئۆرپ - ئادەت» مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مايتاغ - كۇچا تاشيولى ساياھەت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسى ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئېچىلدى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى ئىنچىكىلىك بىلەن بەرپا قىلىندى؛ ئىستىراھەت دەم ئېلىش ساياھىتى، ئۆرپ - ئادەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ساياھىتى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ساياھىتى، يېزا - كەنت ساياھىتى، كۈتۈنۈش ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى موللىشىپ ۋە كۆپ خىللىشىپ، ساياھەت بازىرىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلار بىلەن كۆپلەپ تەمىنلەشكە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئومۇمىي خەلق ساياھەت قىلىش ۋە شەخسلەر ساياھەت قىلىش، ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلىشنى ئاساس قىلغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ساياھەتچىلىكنىڭ تارتىش كۈچى، يۇغۇرۇلۇش كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ۋە ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، «بىر كەسىپنىڭ گۈللىنىشى ھەممە كەسىپنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دەيدىغان تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈردى، چوڭ ساياھەت ئەندىزىسى تېز شەكىللەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى