تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا قىش پەسلىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش زەنجىرى ھاسىل بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ): «بىز بۇ قېتىم شۇ جايدىكى پۇقراۋى قونالغۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، <مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى> قىشلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لىنىيەسىنى تۈزۈپ، لىنىيە بويىدىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن ماسلىشىپ <ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش>قا ئاساسەن لىنىيە بويىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشىنى تېخىمۇ مۇكەممەل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق.» 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى خې مېڭشۈەن ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسىگە كېلىپ، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى بىلەن قىشلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ماركىسىنى يارىتىشنى كېڭەشتى.

  خې مېڭشۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقى مول، جەنۇبىي شىنجاڭدا مىللىي ئۆرپ-ئادەت بار، شىمالىي شىنجاڭدا قار-مۇز بار، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى زەنجىر قىلىپ تۇتاشتۇردى. «ئىككى تۈرلۈك ئۆلچەم شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلشى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.» دېدى خې مېڭشۈەن.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئىككى تۈرلۈك ساھە ئۆلچىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مەنزىلگاھىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئۆي ئاپتوموبىلى دالىدا قونۇش ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە «ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت كۆرگەزمىسى»، «ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرىنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش»دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەمنى تۈزدى. 2020-يىلى 5-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىككى تۈرلۈك ئۆلچەمنى ئېلان قىلدى.

  شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لى جيەنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى تۈرلۈك ئۆلچەم ھازىرقى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتى تەشكىلاتى ۋە يول باشلىغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە پائال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ساياھەت ئاپتوموبىلى لاگېرى قۇرۇلۇشىغا قارىتا، ئورۇن تاللاش يىرىك پىلانى ۋە فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىش، يانداش ئەسلىھەلەر، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى