تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى: قەھرىتان قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى، قەلبلەر ئىللىدى

11-ئاينىڭ 23-كۈنى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى مېھىر-شەپقەت پاختىلىق چاپىنىنى قوغان يېزىسى كوچابېشى كەنتى ئاھالىسىنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى چۇنشيا): «پاختىلىق چاپان ئەكىلىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت، تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسى كوچابېشى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تاھىرجان ئىمام بىر پاختىلىق چاپاننى كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنگۈل ھىمىتنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندا، تۇرسۇنگۈل قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتى.

  يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۇدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار  قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېزلىكتە رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىپ، ئۇلارغا  كۆمۈر، پاختىلىق چاپان قاتارلىق قىشتىن ئۆتۈش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

  تۇرسۇنگۈلنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئاساسلىقى ئېرىنىڭ پارچە-پۇرات ئىش قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىدىغان بولۇپ، كىرىمى كۆپ ئەمەس ئىكەن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كەنت تۈرلۈك كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھەر خىل كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاچىلانغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بولىقىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ بىر نەچچە كۈندە، يەنە داۋاملىق مېھىر-شەپقەت كۆمۈرى ۋە پاختىلىق چاپان يەتكۈزۈپ بەرگەن، كەنت كادىرلىرى دائىم ھال-ئەھۋال سوراپ، قىيىنچىلىقى بولسا ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

  قەشقەر شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ كادىرى راھىلە ئوبۇلقاسىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا، قەشقەر شەھىرى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا جەمئىي 56 مىڭ دانە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بولىقى، 271 مىڭ نان، 20 مىڭ توننا كۆمۈر، 100 مىڭ يۈرۈش پاختىلىق چاپان تارقاتقان. 2000دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت ئاھالىسىگە 3 مىليون 242 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت مەبلىغى تارقاتقان.

  شۇ كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى تېرىم يېزىسى يۇلغۇنبوغرا كەنتىدە، بىر نەچچە كەنت كادىرى 500 كىلوگىرام كۆمۈرنى تۆۋەن كاپالەت ئاھالىسى پاتىخان ھېيىتنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ھويلىسىغا چۈشۈرۈشۈپ بەردى. ئالدىراش ئىشلەۋاتقان كەنت كادىرلىرىغا قاراپ، پاتىخان تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «گەرچە سوغۇق بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىزگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، تۇرمۇشىمىزدا ھېچقانداق غەم-ئەندىشىمىز قالمىدى».

   «تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، بىز تۆۋەن كاپالەت ئاھالىلىرى، مېيىپلەر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى زىيارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇلارنىڭ كونكرېت ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ئالدىن تارقىتىش، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى تېرىم يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شېن كېلېي.

  كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا، كوناشەھەر ناھىيەسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاممىسىغا 32 مىليون 160 مىڭ يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلى، 4 مىليون 410 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پۇلى، 14 مىڭ 700 توننا مېھىر-شەپقەت كۆمۈرى، 200 مىڭ دانىدىن ئارتۇق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بولىقىنى ئالدىن تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى