تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى باج تارماقلىرى: «غوجىدارچە» مۇلازىمەت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

11-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى قەشقەر شەھەرلىك باج ئىدارىسى «تۈر غوجىدارى» كوللېكتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ئورۇنلىرىدىكى خادىملارغا باج يىغىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.(مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

    مۇخبىر لى چۇنشيا

  «باج <غوجىدارى> تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىپ، بىزنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى» دېدى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ جىنياڭيۈ ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش بوغالتىرى شىڭ شياۋفاڭ.

  «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تىجارەتتىكى بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى باج تارماقلىرى كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇش، داۋاملىق ئىز قوغلاش، يىراق مۇساپىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، يېشىل يول قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، باج يىغىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە زور كۈچ بىلەن قوللىدى.

  «بىز <تۈر غوجىدارى> ئەترىتى قۇرۇپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ئورۇنلىرىنىڭ باجغا ئالاقىدار ئېھتىياجلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، <بىرگە بىر> باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى دۆلەت باج باش ئىدارىسى قەشقەر شەھەرلىك باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ماۋ فېي، «تۈر غوجىدارى» ئەترىتى ئاساسلىقى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ئورۇنلىرىنى باج يىغىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش، كەسىپ بېجىرىش قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

  قەشقەر ۋەندا مەيدانى قۇرۇلۇش تۈرى قەشقەر شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ «تۈر غوجىدارى» ئەترىتىنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكىتىنىڭ بىرى، بۇ تۈرنى شىنجاڭ جىنياڭيۈ ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ ئاچقان. «تۈر غوجىدارى» ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، تۈجۈپىلەپ تۈزۈپ چىققان «نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردىكى باج يىغىش ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قوللاشقا يېتەكچىلىك قىلىش قوللانمىسى»نى ئاپىرىپ بەردى. بۇ كارخانا يۇقۇم مەزگىلىدە قەشقەر شەھەرلىك قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىگە 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ۋاقتىدا كارخانىغا ئىئانە قىلىشقا ئالاقىدار باج يىغىش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەلۇم قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى توغرا تولدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قوللاش ئىئانە چىقىمىنى تولۇق سوممىلىق باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بەھرىمەن قىلىپ، كارخانىنىڭ تاپاۋەت بېجىدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا بىر قېتىمدا 500 مىڭ يۈەننى تۇتۇپ قالغان.

   ئوخشاشلا، باج تارماقلىرىنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتىنى ھېس قىلغانلاردىن يەنە قەشقەر يۈەنفاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى بار. بۇ ئەشيا ئوبوروت پورتى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئەشيا ئوبوروت يىغىش-تارقىتىش مەركىزى بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق دۇكاندار بار. باج تارماقلىرى نۇقتىلىق كارخانىلارنى تەرتىپكە تىزىپ، «غوجىدار شەكىللىك» مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، تىزىملىك شەكىللىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس كىشىنى كارخانىنىڭ باجغا ئالاقىدار دەۋا-تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ «ئىنچىكە ھېساباتى»نى ياخشى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، باج يىغىشتىكى ئېتىبار بېرىش پايدىسىدىن ۋاقتىدا بەھرىمەن قىلىدىكەن.

  «ھازىرغىچە، بىز 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك باج-ھەقنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كارخانىنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تېجەپ، كارخانىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتۇق» دېدى قەشقەر يۈەنفاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن گاڭ.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە باج تارماقلىرىنىڭ «تۈر غوجىدارى» ئەترىتىنىڭ 83 خادىمى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن 213كە مۇلازىمەت قىلغان، بۇ 454 باج تاپشۇرغۇچىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا 1000 قېتىمدىن ئارتۇق مەسلىھەت بەرگەن. «بىز مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، بىرگە بىر تەشۋىق قىلىپ يېتەكلەپ، نۇقتىدىن نۇقتىغا قەرەللىك ئىز قوغلاپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، باجغا چېتىشلىق دەۋا-تەلەپلەرگە دەل جايىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى ماۋ فېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى