تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نۆللەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىكتە دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ئەڭ ئاخىرقى ئىككى يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن، بۇ قېتىمقى شىنجاڭدىكى يۇقۇمدا بارلىق ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: بۈگۈن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيت، بىز بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تېببىي كۆزىتىشنى تاماملىدۇق. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز «تۆت بالدۇر» «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنور قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 8 - نۇسخىسى)نى بىر خىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان باھالاش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئالدىن ئارىلىشىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، دورىلىق غىزا بىلەن تەمىنلەش، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىدىغان داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىشى ھەمدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ ئېغىر تىپقا ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش نىشان - تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۆل ئۆلۈش، نۆل يۇقۇملىنىش، پۈتۈن داۋالاپ ساقايتىشتەك ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 78 ئاغرىق مىسالىنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 352 يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھەممىسىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى