تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەر - يېزا مۇھىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىغا ھەممە ئادەم قاتناشتى

قەشقەر ۋىلايىتىدە:

شەھەر - يېزا مۇھىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىغا ھەممە ئادەم قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 11دە، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى تىللاگۈل ھوشۇر باشقا ئون نەچچە كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە، كەنت يوللىرىنى ئەستايىدىل تازىلاۋاتاتتى، ئىككى دېزىنفېكسىيەلەش ئاپتوموبىلى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈۋاتاتتى. «تازىلىقچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەنتنىڭ بارغانسېرى پاكىز بولغانلىقىنى كۆرۈپ چىن كۆڭلۈمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم» دېدى تىللاگۈل.

ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىقىغا ھەممە ئادەم قاتنىشىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يۇقۇملۇق كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلدى.

مۇخبىر ئاياغمەنگەن كەنتىدە كەنت يوللىرىنىڭ رەتلىك، پاكىز ئىكەنلىكىنى، ھەر 100 مېتىردا بىردىن ئەخلەت ساندۇقىنىڭ بارلىقىنى كۆردى. «كەنتىمىزدە 12 ئەترەت بار، ھەربىر ئەترەتتە بىردىن كۆچمە قىزىل بايراق بار بولۇپ، ھويلا - ئارانلىرى رەتلىك، پاكىز بولغان كەنت ئاھالىلىرىگە بېرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ليۇ خۇڭتاۋ.

ئاياغمەنگەن كەنتىدە 1000دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالە بار ئىكەن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ كەنت 50 نەچچە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن كەسپىي دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئەترىتى قۇرغان بولۇپ، ئۇلار كەنتتىكى يوللار، ئەخلەت ساندۇقلىرى، ئاممىۋى رايونلارنى بىر كۈندە ئىككى قېتىم تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدىكەن، قېرى، ئاجىز، ئاغرىق، مېيىپ قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىپ ھويلا - ئارانلىرىنى تازىلاپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنى ئاڭلىق ھالدا ئائىلە تازىلىقى قىلىشقا، ئىشىك - دېرىزە، ئوچاق بېشىنى پات - پات سۈرتۈپ تۇرۇشقا، ئۆي، ھويلا - ئارانلىرىنى دائىم سۈپۈرۈپ تۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىدىكەن ھەم سېلىشتۇرۇپ باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر ئەترەتتىن ھويلا - ئارانلىرى پاكىز، رەتلىك بولغان بىر ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى تاللاپ چىقىپ، كۆچمە قىزىل بايراق ھەمدە چىش چوتكىسى، ئەتىر سوپۇن، قاچا - قۇچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدىكەن.

كەنت ئاھالىسى پاشا مامۇتنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، «ھويلا - ئاران مۇھىتى رەتلىك، پاكىز» دېگەن خەت يېزىلغان كۆچمە قىزىل بايراق ھويلىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىلغانىدى، ئىشچان ئايال ئۆي ئىگىسى پاشا يەرگە سۇ چېچىۋاتاتتى، ئۆيدىكى سافا، تاماق ئۈستىلى قاتارلىقلار پاكىز سۈرتۈلگەنىدى. «ئۆي پاكىز بولسا، كەيپىياتمۇ ياخشى بولىدىكەن» دېدى پاشا كۈلۈپ تۇرۇپ.

قەشقەر شەھىرى دۇڭخۇ كوچىسى شىجى داداۋ مەھەللىسى دۇڭچېڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدا بىر نەچچە تازىلىقچى ئاممىۋى رايوندا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈۋاتاتتى. بۇ مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇنەبىجان ئابدۇقادىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەھەللە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپتۇ، بىر تەرەپتىن، پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىۋى رايون، بىنالارنىڭ ئالدى - كەينى، چەت، بۇلۇڭ - پۇچقاقلارنى كۆپ قېتىم تازىلاپ، ئولتۇراق رايون مۇھىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىنى ساقلاپتۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ۋىيشىن توپى ئارقىلىق ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى يوللاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە تازىلىقىنى ياخشى قىلىشىنى تەشەببۇس قىپتۇ.

قەشقەر شەھىرى خەلق غەربىي يولىغا جايلاشقان يىجيا تاللا بازىرى بىر چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تاللا بازىرى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 16 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. دۇكان باشلىقى چىن شيانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ تاللا بازىرىدا ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تازىلىق قىلىنىپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىۋېتىپتۇ. يەر يۈزى، مال جازىلىرى پاكىز بولغاندىن باشقا، كىشىلەر بىرقەدەر كۆپ ئۇچرىشىدىغان پوكەي، پۇل ئېلىش پوكىيى كۇنۇپكا تاختىسى، رېشاتكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەلەپ بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتە تەڭشەلگەن دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈلۈپ، مال سېتىۋېلىش مۇھىتىنىڭ پاكىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپتۇ.

قەشقەر شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى يادۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قەشقەر شەھىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى (سودا بازار)لىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىجارەت، مۇلازىمەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى ۋە ئۈزۈل - كېسىل تازىلاپ دېزىنفېكسىيەلىدى؛ مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ، ئورۇن ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىدى، بولۇپمۇ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، ئولتۇراق رايونلارنىڭ دەنيۈەن ئىشىكى، لىفىت، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق كىشىلەر كۆپ ئۇچرىشىدىغان جىسىملارنىڭ يۈزىنى پاكىز تازىلاپ دېزىنفېكسىيەلىدى؛ كەنتنى بىرلىك قىلىپ، ئاممىنى ئۆينىڭ ئالدى - كەينىنى، ھويلا - ئارانلارنىڭ ئىچى - سىرتىنى، ئېرىق - ئۆستەڭ، ئورمان بەلبېغىدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرى قاتارلىق تاشلاندۇقلارنى مەركەزلىك تازىلاشقا تەشكىللەپ، تازىلىقتىكى قاراڭغۇ بۇلۇڭلارنى تازىلىدى.

«بىز ئىشنى تازىلىق قىلىش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، دېزىنفېكسىيەلەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن باشلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پاكىز، رەتلىك، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر - يېزا مۇھىتى بەرپا قىلىمىز» دېدى لى يادۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ